جۇڭۋېي شەھىرى شاپوتوۋ مەنزىرە رايونى

شاپوتوۋ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جوڭۋىي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېڭگېلى قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 38 كېلومېتر، كەڭلىكى 5 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300~1500 مېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 4599.3 گېكتار بولۇپ، جۇڭۋېي شەھەر كۆلىمىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 12 قۇملۇق تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى

     

    شاپوتوۋ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جوڭۋىي شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى پېڭگېلى قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇپ بۇرجىكىگە جايلاشقان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 38 كېلومېتر، كەڭلىكى 5 كېلومېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1300~1500 مېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 4599.3 گېكتار بولۇپ، جۇڭۋېي شەھەر كۆلىمىنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزدىكى 12 قۇملۇق تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى. شاپوتوۋ قۇملۇق، بوستانلىق، تاغ، خۇاڭخې دەرياسى مەنزىرىسىنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، ھەم غەربىي شىمالنىڭ جەسۇرانە قىياپىتىگە ئىگە، ھەم جەنۇبىي رايونلارنىڭ گۈزەللىكىگە ئىگە. ماشىنا ھەيدەپ ئۆتكەندە «چەكسىز قۇملۇق، شەپەقتىكى دەريا» مەنزىرىسىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

    شاپوتوۋ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونىنىڭ ئاساسلىق قوغداش ئوبيېكتى بولسا تەبىئىي قۇملۇق مەنزىرىسى، تەبىئىي قۇملۇق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى، قوملۇق تىزگىنلەشتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، ياۋايى ھايۋانلار، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قەدىمكى سەددىچىن سېپىلى، شاپودىكى داڭ چېلىش قاتارلىق ئىنسانىيەت مەدىنىيتى مەنزىرىلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. قوغداش رايونى كۆپ خىل ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى، شۇنداقلا نەم يەر بايلىقىغا ئىگە.

    تەبىئىي قوغداش رايونىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ نامى «نىڭشيا جۇڭۋېي شاپوتوۋ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي قوغداش رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى» قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، نىڭشيا مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى رەھبەرلىكىگە بىۋاسىتە قارايسۇ، مەمۇرىي دەرىجىسى بولسا باشقارما دەرىجىلىك. بۇ يەردە ساقلانغان سۇ مەنبەسى ئارقىلىق، قوغداش رايونى تەۋەلىكىدە ئالاھىدە بولغان قۇملۇق ئىچىدە بوستانلىق بولۇشتەك ئېكولوگىيىلىك سېستىما شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇملۇقتىكى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا قۇملۇقىنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، نەم تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قىممەتلىك، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلارنى كۆپەيتىپ يېتىلدۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئارقىلىق، ئىنسانلار پائالىيەتلىرىنىڭ يادرولۇق رايون ۋە ئارىلىق رايونغا بولغان دەخلىسى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، قوغداش رايونىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈنۈملۈك بولغان قوغداشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

    شاپوتوۋنىڭ ئۆزگىچە قۇملۇق مەنزىرىسى ھەر تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىدۇ، بۇ يەر يەنە «دادام نەگە كەتتى» پروگراممىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش مەيدانىنىڭ بىرى بولۇپ، پەرزەنتلىرى بىلەن بىرگە ساياھەت قىلغان ساياھەتچىلەرگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يەر ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى داڭلىق «دۆلەت جۇغراپىيىسى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئاجايىبات دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تونۇشتۇرۇلغان.بۇ قوغداش رايونى جۇڭگودىكى ئەڭ دەسلەپكى قۇملۇق ئېكولوگىيە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، شۇنداقلا ياخشى تىزگىنلەنگەن، قوملۇق جانلىقلىرى بايلىقىنىڭ «ئىسكىلاتى» بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى:AAAAA

    ئەڭ ياخشى پەسىل: ھەر يىلى 7-ئايدىن 11-ئايغىچە شاپوتوۋنى ساياھەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1 كۈن

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش مەزگىلى (4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) 100 يۈەن \ ئادەم سۇس پەسىل (11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): 45 يۈەن \ ئادەم

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~18:00

    ئادرېسى

    نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى جۇڭۋېي شەھىرى شاپوتوۋ رايونى يىنشۈيچياۋ بازىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    پويىز ئىستانسىسى:

    1. جۇڭۋېي پويىز ئىستانسىسىدىن غەرب تەرەپكە 80 مېتر مېڭىپ، سولغا قايرىلىدۇ

    2. 90 مېتر ماڭغاندىن كېيىن، ئوڭ تەرەپتىكى بايلىق توپ تارقىتىش تاللا بازىرىدىن تەخمىنەن 70 مېتر ئۆتكەندىن كېيىن، سولغا قايرىلىدۇ

    3. 50 مېتر ماڭغاندىن كېيىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ، شىمالىي گۇلوۋ كوچىسىغا كىرىدۇ

    4. شىمالىي گۇلوۋ كوچىسىنى بويلاپ 470 مېتر ماڭغاندىن كېيىن شاپوتوۋغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

    ئايرودۇرۇم:

    ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن، ماشىنا ھەيدەپ ياكى تاكسى توسۇپ بارسا بولىدۇ.

    يىنچۈەن يۆنىلىشىدىن:

    1. پويىزغا ئولتۇرۇپ جۇڭۋېي شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭۋېي شەھىرىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ شاپوتوۋغا بارسا بولىدۇ ياكى جۇڭۋېيدىن شاپوتوۋغا بارىدىغان ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرسا بولىدۇ

    2. يېڭى جەنۇبىي قوۋۇق ماشىنا بېكىتىدىن ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ جۇڭۋېي شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، جۇڭۋېي شەھىرىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ شاپوتوۋغا بارسا بولىدۇ ياكى جۇڭۋېيدىن شاپوتوۋغا بارىدىغان ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرسا بولىدۇ

    3. ساياھەت كوپراتىپلىرىغا تىزىملاتسا بولىدۇ، مەنزىرە رايونىدا ئوقۇغۇچىلار ئېتىبار بېلىتى سېتىلىدۇ.