شىئەن شەھىرى خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى

خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى ئىنتوڭ رايونى لىشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىئەن شەھىرىنىڭ غەربىگە 30 كېلومېتر كېلىدۇ، جەنۇب تەرىپى لىشەن تېغى، شىمالى تەرىپى ۋېيشۈي، ئارشاڭلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. تاڭ شۈەنزۇڭ بىلەن ياڭ گۈيفېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى، شۇنداقلا تارىختىكى مەشھۇر بولغان شىئەن ئۆزگۈرۈشى بۇ يەردە يۈز بەرگەن

     

    خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى ئىنتوڭ رايونى لىشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شىئەن شەھىرىنىڭ غەربىگە 30 كېلومېتر كېلىدۇ، جەنۇب تەرىپى لىشەن تېغى، شىمالى تەرىپى ۋېيشۈي، ئارشاڭلىرى بىلەن داڭ چىقارغان. تاڭ شۈەنزۇڭ بىلەن ياڭ گۈيفېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى، شۇنداقلا تارىختىكى مەشھۇر بولغان شىئەن ئۆزگۈرۈشى بۇ يەردە يۈز بەرگەن. بۇلارمۇ خۇاچىڭ كۆلىنى تارىخىي مەدىنىيەت قىممىتىگە ئىگە قىلغان.

    خۇاچىڭ كۆلى 6000 يىللىق يۇيۇنۇش تارىخى ۋە 3000 يىللىق خانلىق باغ تارىخىغا ئىگە، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا، ئۆزىدىكى رىۋايەتلەر ۋە ھېكايىلەردىن سىرت، يەنە نۇرغۇن مەنزىرىلەر كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان. تاڭ يۈتاڭ خارابىلىكى مۇزىيى، شىئەن ئۆزگۈرۈشى خارابىسى، جيۇلۇڭ كۆلى ۋە فورۇڭ كۆلى مەنزىرە رايونى، تاڭلىيۈەن خارابىسى مۇزىيى قاتارلىق مەدىنىيەت رايونلىرى ۋە فېڭشۇاڭ ئوردىسى، ۋەنشۇ ئوردىسى، چاڭشېڭ ئوردىسى، خۇەنيۈەن ۋە يۈۋاڭ ئوردىسى قاتارلىقلار ئىنتايىن مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ.

    چاڭشېڭ ئوردىسى خۇاچىڭ كۆلى مەنزىرە رايونى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تاڭ خۇاچىڭ ئوردىسىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چاڭشېڭ ئوردىسى ئەڭ دەسلەپتە تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋنىڭ 6-يىلى (مىلادىيە 748-يىلى) ياسالغان بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىنى قۇرغۇچى لى يۈەن، تەيزۇڭ لى شىمىن، گاۋزۇڭ لى جى، خانىش ۋۇ زېتيەن، جوڭزۇڭ لى شيەن، رۈيزۇڭ لى دەن ھەمدە شاھىنشاھ شۈەنيۈەن پادىشاھنىڭ ئوغلى لى ئېرغا ھۆرمەت كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەبرىسى ئۈچۈن ياسالغان، شۇڭا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىشېڭ ئوردىسى دەپمۇ ئاتالغان. چاڭشېڭ ئوردىسى ئاساسلىقى تاڭ شۈەنزۇڭ بىلەن ياڭ گۈيفېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك ئەھدە قىلىشقان.

    ۋۇجيەنتىڭ بولسا، شىئەن ئۆزگۈرۈشى خارابىسى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ياسالغان، 1936-يىلى 10-ئايدا، 12-ئايدا جياڭ جيېشى شەنشىگە ئىككى قېتىم كەلگەن بولۇپ، خۇاچىڭ كۆلىنى شىتاپ قىلىپ، ۋۇجيەنتىڭگە ئورۇنلىشىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار يىغىنىنى پىلانلىغان. تا بۈگۈنگىچە، دېرىزە، تاملاردا ئەينى يىللاردىكى شىددەتلىك ئۇرۇشتا قېپقالغان ئوق ئىزلىرى بار، ھەر قايسى ئىشخانىلاردىكى ئۈستەل، ئورۇندۇق، كارىۋات، كىرىسلو، چىنە-چەينەكلەر، ئوچاق، گىلەم، تېلېفون قاتارلىقلار ئەسلى ھالىتى بويىچە كۆپەيتىلىپ تىزىلغان.

    جيۇلۇڭ كۆلى 1959-يىلى ياسالغان سۈنئىي كۆل بولۇپ، كۆلىمى 5300 كۋادرات مېتر كېلىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، لىشەن تېغىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. بەي جۈيى بۇ يەردە تاڭ شۈەنزۇڭ بىلەن ياڭ گۈيفېينىڭ مۇھەببەت ھېكايىسىنى ئىپادىلەپ، تارىخىي درامما ئورۇنلىغان. بۇ ئويۇن ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەركۈنى كەچ 8:10 دىن 9:20 گىچە، 9:40تىن 10:50 كىچە ئىككى مەيدان قويۇلىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل: 3-ئايدىن 4-ئايغىچە ۋە 9-ئايدىن 10-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 2~3 سائەت

    كىرىش بېلىتى: خۇاچىڭ ئوردىسى (خۇاچىڭ كۆلى + لىشەن تېغى) كىرىش بېلىتى: جانلىنىش مەزگىلى (3~11-ئايغىچە): 150 يۈەن، سۇس پەسىل (12~2-ئايغىچە) 120 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: جانلىنىش مەزگىلى (3~11-ئايغىچە): 7:00~18:00، سۇس پەسىل (12~2-ئايغىچە): 7:30~18:30

    ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى لىنتوڭ رايونى خۇاچىڭ يولى 038-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى

    ئاۋىئاتسىيە:

    شىئەندە جۇڭگو بويىچە تۆتىنچى چوڭ ئايرودروم بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 60 نەچچە شەھەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، ياپونىيەنىڭ فۇكۇكا، خىروسىما، نىگاتا، ناگويا قاتارلىق يەرلەرگە بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يوللىرى بار.

    تۆمۈر يول:

    «ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» لوڭخەي تۆمۈريولى شىئەننى كېسىپ ئۆتىدۇ، شىيەن تۆمۈر يولى بىۋاسىتە يەنئەنگە تۇتىشىدۇ، شىكاڭ تۆمۈر يولى بىۋاسىتە چۇڭچىڭغا تۇتىشىدۇ.

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    شىلىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولىدىن 30 مىنۇت ماڭسىلا خۇاچىڭ كۆلىگە بارغىلى بولىدۇ.

    ئاممىۋى قاتناش:

    پويىز ئىستانسىسى (شەرقىي مەيدان)دىن 914-، 915-، ساياھەت 5 (306)-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ، خۇاچىڭ كۆلى بېكىتىدە چۈشىدۇ. لىنتوڭ رايونىدا 101-يول ساياھەت لىنىيىسىگە ئولتۇرسا بولىدۇ.

    مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسى:

    پويىز ئىستانسىسى شەرقىي مەيدانىدىكى ئازادلىق ئاشخانىسى ئالدىدىن 306-يول، شىئەندىن چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسىگە بارىدىغان مەخسۇس لىنىيىگە ئولتۇرىدۇ، پۈتۈن مۇساپە 42 كېلومېتر، ماشىنا قوزغىلىش ۋاقتى 7:00~18:00 گىچە، ھەر 15 مىنۇتتا بىر قاتنايدۇ، پۈتۈن مۇساپە بېلەت باھاسى: 7 يۈەن.