شىئەن شەھىرى چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى

چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئورىسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان خارابىلىك خاراكتېرىدىكى مۇزىي. چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى شىئەن شەھىرىنىڭ لىنتوڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونىغا 35 كېلومېتر كېلىدۇ، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى. ئىچكى سېپىل كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2525.4 مېتىر كېلىدۇ، سىرتقى سېپىل تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6294 مېتىر كېلىدۇ

     

    چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئورىسىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان خارابىلىك خاراكتېرىدىكى مۇزىي. چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى شىئەن شەھىرىنىڭ لىنتوڭ رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر رايونىغا 35 كېلومېتر كېلىدۇ، چىن شىخۇاڭنىڭ قەبرىسى. ئىچكى سېپىل كۋادرات شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 2525.4 مېتىر كېلىدۇ، سىرتقى سېپىل تىك تۆتبۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 6294 مېتىر كېلىدۇ، ھازىرقى قەبرە تۆت تەرەپلىك كونۇسسىمان شەكىلدە بولۇپ، تەكتى قىسمىنىڭ جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 515 مېتر، غەرب-شەرق كەڭلىكى 458 مېتر، ئېگىزلىكى 55 مېتر. پۈتۈن قەبرىستانلىقنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 180 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ.

    لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەر بولسا ئات-ھارۋا قاتارلىق شەكىللەردە ياسىلىپ ھەمدەپنە قىلىنغان بۇيۇملاردۇر، قەدىمدە ئادەملەر ھەمدەپنە قىلىناتتى، يەنى قۇلدارلار ئۆلگەندە قۇللار ھەمدەپنە قىلىناتتى. بۇ خىل تۈزۈم يىن، شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئەۋج ئالغان، كېيىن جۇ سۇلالىسى پادىشاھلىقى شاڭ سۇلالىسىنىڭ زوراۋانلىق سىياسەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغاندىن كېيىن، ئادەمنى ھەمدەپنە قىلىش تۈزۈمى چەكلەنگەن. چۈنچيۇ دەۋرىدە جەمئىيەت ئەنسىزلىككە تولۇپ، ئادەمنى ھەمدەپنە قىلىش تۈزۈمى قايتا پەيدا بولغان. ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدە، ھەر قايسى بەگلىكلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ تۈزۈمنى بىكار قىلغان. جەمئىيەتنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ، دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن، يەنى ھەيكەللەر ئادەملەرنىڭ ئورنىدا ھەمدەپنە قىلىنىدىغان بولغان، چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى دەل مۇشۇ ئالاھىدىلىكنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.

    لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئورىسى چىن شىخۇاڭ قەبرىسىنىڭ شەرق تەرىپىگە بىر يېرىم كېلومېتر كېلىدۇ، بىرىنچى نومۇرلۇق ئورىنى شياخې كەنتىدىكى كىشىلەر قۇدۇق قېزىش جەريانىدا تاساددىپى بايقىغان، ئىككىنچى نومۇرلۇق ئورا، ئۈچىنچى نومۇرلۇق ئورىنى بولسا ئارخىئېلوگىيە خىزمەتچىلىرى قېزىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى نومۇرلۇق ئورا ئەڭ چوڭ بولۇپ، 1979-يىلى ئېچىۋېتىلگەن، ئۇزۇنلۇقى 210 مېتر، كەڭلىكى 62 مېتر، ئەسلىدىكى يەر يۈزىدىن چوڭقۇرلۇقى 4.5 مېتىردىن 6.5 مېترگىچە كېلىدۇ، كۆلىمى 14260 كۋادرات مېتر. ئىككىنچى نومۇرلۇق ئورا بىرىنچى نومۇرلۇق ئورىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى 20 مېتر ئورۇنغا توغرا كېلىدۇ، شەرق-غەربتىكى ئەڭ ئۇزۇن جايى 96 مېتر، غەرب-جەنۇبتىكى ئەڭ ئۇزۇن كەڭلىكى 84 مېتر، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 5 مېتر، كۆلىمى تەخمىنەن 6000 كۋادرات مېتر، تۆت بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. ئۇچىنچى نومۇرلۇق ئورا 1976-يىلى بايقالغان بولۇپ، 1987-يىلى ئېچىۋېتىلگەن، كۆلىمى ئەڭ كىچىك. بىرىنچى نومۇرلۇق ئورۇنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىگە 25 مېتر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان، شەرق تەرەپتىن ئىككىنچى ئورىغا 120 مېتر كېلىدۇ،凹 خېتى شەكلىدە، ئۈچ ئورا «品» خېتى شەكلىدە تىزىلغان.

    لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللەرنى چىن سۇلالىسىدىكى ساپالچىلار ياساپ چىققان بولۇپ، ھەيكەللەرنىڭ ئاستى تەرىپىگە ياسىغۇچىلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان بولۇپ، ھەيكەل ياسىغۇچىلارنى تېپىشقا كاپالەتلىك قىلغان، بۇ نەرسە ياسىغۇچى ئىسمىنى يېزىپ قويۇش تۈزىمىدىن كېلىپ چىققان. مەسىلە چىققان ھامان، ياسىغۇچىنى دەرھال تېپىپ، قاتتىق جازالاش تۈزۈمىمۇ ھەيكەللەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان. ھازىرغىچە كولىنىپ چىققان لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنىڭ تۈرلىرىدىن، گېنىرال ھەيكىلى، ھارۋىلىق لەشكەر ھەيكىلى، تۇرۇپ ئوقيا ئاتقۇچى لەشكەر ھەيكىلى، ئولتۇرۇپ ئوقيا ئاتقۇچى لەشكەر ھەيكىلى، ئوردا قاراۋۇلى ھەيكىلى، لەشكەر ئەمەلدارلىرى ھەيكىلى، ئاتلىق لەشكەر ھەيكىلى، ھارۋىكەش ھەيكىلى، مىس ئات-ھارۋا ھەيكىلى قاتارلىقلار بار.

    چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى 1974-1976-يىللىرى بايقالغان، چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى بولسا 1979-يىلى پۈتۈن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئېچىۋېتىلگەن. 1961-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن بىرىنچى تۈركۈم دۆلەتلىك نۇقتىلىق مەدىنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ئورنى قىلىپ ئېلان قىلىنغان. 1974-يىلى 3-ئايدا، چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى بايقالغان؛ 1987-يىلى، چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسى ۋە چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى ئورىسى بىرلەشمە دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم-پەن مەدىنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن« دۇنيا مەدىنىي مىراسلار قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن، شۇنداقلا «دۇنيادىكى سەككىزىنچى مۆجىزە» دەپ ئاتالغان.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~5 سائەت

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش پەسلى (3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) 150 يۈەن؛ سۇس پەسىل (12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە) 120 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 3-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 8:30~18:35؛ 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن كېيىنكى يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە : 8:30~18:05

    ئادرېسى: شىئەن شەھىرى لىنتوڭ رايونى لىنلەن يولى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    پويىز ئىستانسىسىدىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    1. پويىز ئىستانسىسى شەرقىي مەيدانىدىن ساياھەت 5 (306)-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرسا بولىدۇ، بېلەت باھاسى 7 يۈەن (يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ماڭىدۇ)

    2. 307-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيىسىدىن لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيىغا بارىدىغان مەخسۇس ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ، لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى بېكىتىدە چۈشسە بولىدۇ، بېلەت باھاسى 6 يۈەن؛ ماشىنا قوزغىلىش ۋاقتى: 7:00~18:00، ھەر 10 مىنۇتتا بىر قېتىم ماڭىدۇ

    3. پويىز ئىستانسىسى شەرقىي مەيدانىدىن لىنتوڭ ئاممىۋى قاتناش 914-، 915-يول ئاپتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرسا بولىدۇ. بېلەت باھاسى 8 يۈەن. ئەسكەرتىش: سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا، لېكىن ساياھەت رايونى سىرتىدا ساياھەتچىلەرنى ساقلايدۇ، ساياھەت ئورنىدىن قايتقاندا ئولتۇرۇشقا ماس كېلىدۇ.

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا، شىتوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 24 كېلومېتر مېڭىپ (يول ھەققى 10 يۈەن)، لىنتوڭ رايونىغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدىغا ئۈچ كېلومېتر ماڭسىلا، چىن شىخۇاڭ مەقبەرىسى، يەنە ئالدىغا تۆت كېلومېتر ماڭسا چىن شىخۇاڭ لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرى مۇزىيى.