يەنئەن شەھىرى خۇاڭدى مەقبەرىسى مەنزىرە رايونى

خۇاڭدى مەقبەرىسى شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى چياۋشەن تېغىغا جايلاشقان. بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي ئاتىسى شۈەنيۈەن خۇاڭدىنىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، «جۇڭخۇا بىرىنچى مەقبەرىسى » دەپ ئاتىلىدۇ. خۇاڭدى مەقبەرىسى قەدىمدە «چياۋشەن مەقبەرىسى» دەپ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە خۇاڭدى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ چياۋشەن تېغىدا ۋاپات بولغان

     

    خۇاڭدى مەقبەرىسى شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ شىمالىدىكى چياۋشەن تېغىغا جايلاشقان. بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي ئاتىسى شۈەنيۈەن خۇاڭدىنىڭ مەقبەرىسى بولۇپ، «جۇڭخۇا بىرىنچى مەقبەرىسى » دەپ ئاتىلىدۇ. خۇاڭدى مەقبەرىسى قەدىمدە «چياۋشەن مەقبەرىسى» دەپ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە خۇاڭدى خۇاڭلىن ناھىيەسىنىڭ چياۋشەن تېغىدا ۋاپات بولغان، خەن ۋۇدى بۇ يەرگە لەشكەر باشلاپ كېلىپ، خۇاڭدىغا نەزىر قىلغاندىن باشلاپ، چياۋشەن تېغى تارىختىكى پادىشاھ، داڭلىق شەخسلەر، پۇقرالارنىڭ خۇاڭدىغا نەزىر قىلىدىغان مۇھىم ئورنىغا ئايلانغان. مەقبەرە ئىچىدە خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ زور مىقداردا تاش ئابىدە ۋە ھەيكەللەر قالدۇرۇلغان. 2006-يىلى، قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمىدا شۈەنيۈەن خۇاڭدىغا نەزىر قىلىش مۇراسىمى بىرىنچى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى «خۇاڭدىنىڭ ئەۋلادلىرى» دەپ ئاتىشىنىڭ، خۇاڭدى، يەندى بىلەن چوڭ مۇناسىۋىتى بار. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خۇاڭدى دۆلىتىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ، باشقا قەبىلىلەرنى مەغلۇب قىلغان، يەندى بىلەن بىرلىشىپ چى يوۋنى مەغلۇب قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تەخىتتىكى مەزگىلىدە، خۇاڭدى ئەلنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ، قول ئاستىدىكىلىرى ۋە خەلق بىلەن بىرلىكتە خۇاڭشيا مەدەنىيىتىنى ياراتقان، ئۇنىڭ ماتېماتىكا، مۇزىكا، مېدىتسىنا-دورىگەرلىك، يېزىق، كىيىم-كېچەك، كېمىچىلىك، ئۆي ياساش قاتارلىق تەرەققىياتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار بولغاچقا، «ئىنسانلار مەدىنىيىتىنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتالغان. مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئەگىشىپ، خۇاڭدى بىلەن يەندى خۇاشيا مىللىتىنىڭ ئورتاق ئاتىسى دەپ قارالغان، خۇاڭدى مەقبەرىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىنىڭ ئۇيۇشقانلىقىنىڭ بەلگىسىگە ئايلانغان.

    خۇاڭدى مەقبەرىسى مەنزىرە رايونى ئاساسلىقى شۈەنيۈەن بۇتخانىسى ۋە خۇاڭدى مەقبەرىسىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەشكىل تاپقان. شۈەنيۈەن بۇتخانىسى چياۋشەن تېغىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان، خۇاڭدى مەقبەرىسى چياۋشەن تېغىنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان. شۈەنيۈەن بۇتخانىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسىلىشقا باشلىغان، بۇتخانىنىڭ يان تەرىپىدە تەخمىنەن 60 دانە تاش ئابىدە تىكلەنگەن بولۇپ، تارىختىكى پادىشاھلار سوۋغا قىلغان نەزىر-چىراغ ئابىدىلىرى ۋە ھەرخىل خاتىرە ئابىدىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئاتىسى سارىيى بولسا شۈەنيۈەن بۇتخانىسىنىڭ ئاساسلىق سارىيى ھېسابلىنىدۇ، ساراي ئىشىكىگە ئەسلىدىكى گومىنداڭ گېنېرالى چېڭ تى يازغان « ئىنسانلار مەدەنىيىتى ئاتىسى» دېگەن خەت ئېسىلغان، ساراي ئوتتۇرىسىغا خۇاڭدىنىڭ تاشتىن ئويۇلغان ھەيكىلى قويۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئەتراپىدا يەنە خۇاڭدىنىڭ پۇت ئىزى تېشى، شۈەنيۈەن مەيدانى، جۈخې دەرياسى، شۈەنيۈەن كۆۋرۈكى، لۇڭۋېي يولى، سەمىمىيەت شىپىڭى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار، يەنە نەزىر قىلىش بۇيۇملىرىدىن «لۇڭخۇي» قوڭغۇرىقى بىلەن «لۇڭۋېي» دۇمبۇقىنى كۆرۈپ بېقىشقىمۇ بولىدۇ.

    چياۋشەن تېغىنىڭ چوققىسىغا چىققاندا خۇاڭدى مەقبەرىسىگە بارغىلى بولىدۇ. خۇاڭدى مەقبەرىسىنىڭ ئالدى تەزىيە بىلدۈرۈش شىپىڭى بولۇپ، ئۈستىدە گو مورو قول بىلەن يازغان «خۇاڭدى مەقبەرىسى» دېگەن خېتى بار، يەنە بىر تاش ئابىدىدە « چياۋشەن لۇڭچۈەن» دېگەن خېتىمۇ بار. خۇاڭدى مەقبەرىسى توپا قەبرە بولۇپ، سوقىچاق شار شەكلىدە، ئېگىزلىكى 3.5 مېتر، دېئامېترى 16 مېتر، ئايلانمىسى 48 مېتر كېلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، خۇاڭدى ئەجدىھاغا مىنىپ، ئەرشكە چىقماقچى بولغاندا، پۇقرالارنىڭ كۆزى قىيماي، ئۇنىڭ كىيمى، ئايىغى، قىلىچى قاتارلارنى تارتىپ چۈشۈرۈۋېلىپ، قەبرە ياساپ دەپنە قىلىپ خاتىرىلىگەن. لۇڭچۈەن راۋىقى بولسا، خۇاڭدى مەقبەرىسى قەبرە رايونىنىڭ ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى بولۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ سىرتقى قىسمى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى راۋاقلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان، راۋاقنىڭ ئىچكى تېمىدا خۇاڭدىنىڭ تۆھپىلىرى ئىپادىلەنگەن 12 پارچە رەسىم بار.

    خۇاڭدى مەقبەرىسى ئىچىدە 80 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق قەدىمىي ئارچا دەرەخلىرى ساقلانغان بولۇپ، 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇقلىرىغا 1000 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمىي، قاپلىنىش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل بولغان قەدىمىي ئارچىلار توپى ھېسابلىنىدۇ. «خۇاڭدى ئۆز قولى بىلەن تىككەن ئارچا دەرىخى» شۈەنيۈەن بۇتخانىسى ئىشىكىنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ دەرەخنى خۇاڭدى ئۆز قولى بىلەن تىككەن بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگودىكى ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ قەدىمىي ئارچا دەرىخى ھېسابلىنىدىكەن.

    شۈەنيۈەن خۇاڭدىغا نەزىر قىلىش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىسىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە، چياۋشەن تېغى خۇاڭدى مەقبەرىسىدە نەزىر-چىراغ قىلىشنىڭ باشلىنىشى ئەڭ بۇرۇن، ئەڭ مۇھىم بولغان نەزىر-چىراغ مۇراسىمى ھېسابلىنىدۇ. خەن ۋۇدى، تاڭ دەيزۇڭ، سۇڭ رېنزۇڭ قاتارلىق پادىشاھلار بۇ يەرگە كېلىپ نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزگەن، يېقىنقى زامان دەۋرىدىكى سۈن جۇڭشەن، جياڭ جيېشى، ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ ئۆز قولى بىلەن تەزىيەنامە ۋە بېغىشلىما يېزىپ قالدۇرغان.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3 سائەت

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش مەزگىلى (3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە) 90 يۈەن؛ سۇس پەسىل (12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە) 50 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~19:00

    ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى يەنئەن شەھىرى خۇاڭلىن ناھىيەسى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا:

    توڭخۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى بويلاپ، يەنخۇڭا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا چىققاندىن كېيىن يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

    ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرغاندا:

    شىئەن ۋوگزالى ماشىنا بېكىتى، شىئەن شەھەر شىمالىي قاتناش بېكىتى، يەنئەن ماشىنا بېكىتىدە خۇاڭدى مەقبەرىسىگە ئۇدۇل بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلار بار