ئالتاي ۋىلايىتى قاناس مەنزىرە رايونى

قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. قاناس ئاساسلىقى قاناس دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، جيادېڭ جىلغىسى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى، قاناس دەرياسى ۋادىسى، قۇم يېزىسى، بەرخابا يېزىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

     

    قاناس مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتردىن ئاشىدۇ. قاناس ئاساسلىقى قاناس دۆلەتلىك گېئولوگىيە باغچىسى، جيادېڭ جىلغىسى دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى، قاناس دەرياسى ۋادىسى، قۇم يېزىسى، بەرخابا يېزىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يول بويىدە 6~7 گىچە ۋېرتىكال شەكىلدىكى تەبىئىي مەنزىرە بەلبېغى ئېلىپ كەلگەن گۈزەل مەنزىرىلەردىن، ئەگرى كەتكەن ئېرتىش دەرياسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ يەردىكى قازاق، موڭغۇل، توۋلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ھېس قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ، بۇ يەر تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئىنسانلار مەدەنىيىتى مەنزىرىسى بىر گەۋدىلەشكەن ساياھەت قىلىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ.

    قاناس كۆلى بولسا، پۈتۈن قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، «تاغلار ئارىسىدىكى كۆك ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ. قاناس كۆلىنىڭ شەكلى خۇددى ھىلال ئايغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 24.5 كىلومېتر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 2 كىلومېتر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 188.4 مېتر كېلىدۇ. قاناس كۆلىنىڭ كۆل سۈيى ئۆزگۈرۈشچان بولۇپ، بەزىدە يېشىل رەڭ كۆرۈنىدۇ، يەنە بەزىدە بولسا كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ، ئەتراپىدا ئاق قىيىن، قارىغاي، ئارچا قاتارلىق دەرەخلەر بولۇپ، ئەكس سۈرىتى كۆل يۈزىگە چۈشكەندە، تېخىمۇ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تۆگە لوككىسى چوققىسىدىكى بېلىق كۆرۈش سۇپىسىدا تۇرۇپ، پۈتۈن قاناس كۆلىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، جەنۇبقا قاراپ داۋاملىق ماڭغاندا ۋۇلۇڭ، ئاي، ئەۋلىيادىن ئىبارەت ئۈچ كۆل ئەگمىسىدىن ئۆتىدۇ، كۆپ ساندىكى ساياھەتچىلەر كۆلنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، بۇ ئۈچ كۆل ئەگمىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشنى تاللايدۇ.

    قۇم يېزىسى، بەرخابا يېزىسى، قاناس يېزىسىدا توۋلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە قۇم يېزىسى بولسا ئۈچ يېزا بويىچە نوپۇس ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ يېزىدۇر. توۋلار بولسا مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ بىر تەركىبى بولۇپ، ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ھەممە يېرى ياغاچتىن ياسىلىدۇ، ئۆي ياسىغاندا مىخ ئىشلەتمەيدۇ، بەلكى ئىككى ئۇچىغا ئويۇق ئويغاندىن كېيىن، ئۆزئارا كىرىشتۈرۈپ ئۈستىگە قويۇش ئارقىلىق ياسايدۇ، ياغاچ ئارىسىدىكى بوشلۇقنى بولسا تۇز سۈيىگە چىلانغان مۇخ بىلەن تولدۇرىدىغان بولۇپ، ئىپتىدائىي پۇراققا ئىگە. ھەر يىلى باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى، زۇلۇ بايرىمى، ئوبا بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا، توۋلار مۇناسىپ بولغان نەزىر-چىراغ مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئات چاپتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىق مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، يەنە قوي سويىدۇ، قىمىز ئىچىدۇ ۋە ھاكازالار، ئىنتايىن قىزىپ كېتىدۇ.

    رەڭلىك ساھىل ئېرتىش دەرياسى قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، قاناس كۆلىگە بېرىشتىكى چوقۇم ئۆتىدىغان يول. بۇ يەر تىپىك بولغان يارداڭ يەر شەكلى بولۇپ، ئەسلىدىكى تۈزلەڭ بولغان يەر شەكلى قۇم بوران، ئاقما سۇلارنىڭ تەسىرىدە، ئويمان-دۆڭلۈك ئارىلىشىپ كەلگەن يەر شەكلىنى پەيدا قىلغان. بۇ يەردىكى تاشلار قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان، ئارىسىدا سېرىق، يېشىل، ئاق قاتارلىق رەڭلەرمۇ ئارىلىشىپ كەلگەن، شۇڭا «رەڭلىك ساھىل» دەپ ئاتالغان. جيادېڭ جىلغىسى ئورمان باغچىسى ئورمان، ئوتلاق، دەريا، جىلغا مەنزىرىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، بۇنىڭدىن سىرت يەنە يازې كۆلى، بەيخۇ كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار بولۇپ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر بىرلىكتە كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~2 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    قاناس مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى: 185 يۈەن \ ئادەم

    قاناس مەنزىرە رايونى ئارىلىق ماشىنىسى بىر تۇتاش بېلىتى: 90 يۈەن \ ئادەم، ئىككىنچى قېتىم كىرگەندە 30 يۈەن \ ئادەم قېتىم قوشۇپ ئېلىنىدۇ

    قۇمنىڭ كىرىش بېلىتى: 50 يۈەن \ ئادەم

    بەرخابانىڭ كىرىش بېلىتى: 50 يۈەن \ ئادەم

    توۋلارنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىش: 80 يۈەن \ ئادەم

    قۇم يېزىسى، بەرخابا يېزىسى ئاسراش ھەققى: 20 يۈەن \ ئادەم

    قاناس مەنزىرە رايونىدىن بەرخابا مەنزىرە رايونىغا بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك بېلەت: 62 يۈەن \ ئادەم

    تېرەكتى يېزىسىدىن بەرخابا يېزىسىغا بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك بېلەت: 62 يۈەن \ ئادەم

    گۈلخان كەچلىكى: 168 يۈەن \ ئادەم

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ

    ئادرېسى: شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا:

    ئۈرۈمچى ـ بۇرچىن ـ قاناس

    پويىز:

    مەنزىرە رايونى جايلاشقان بۇرچىن ناھىيەسىدە پويىز ئىستانسىسى يوق، مەنزىرە رايونىغا ئەڭ يېقىن بولغان پويىز ئىستانسىسى بولسا بەيتۈن پويىز ئىستانسىسى، ئۈرۈمچىدە بەيتۈنگە بېرىپ-كېلىدىغان پويىز بار، بەيتۈنگە بارغاندىن كېيىن، يولۇچى توشۇش بېكىتىدە بۇرچىن ناھىيەسىگە بارىدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس بار، بۇرچىن ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن، ماشىنا ئالمىشىپ، جيادېڭ جىلغىسىغا كېلىدۇ، ئاندىن جيادېڭ جىلغىسىدىن مەنزىرە رايون ئىچىدىكى ئارىلىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىغا كېلىدۇ.