شىنجاڭ تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى

تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى شىنجاڭ فۇكاڭ ناھىيەسىنىڭ بۇغدا چوققىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1980 مېتر بولۇپ ، كۆل يۈزى يېرىم ئاي شەكلىدىكى تەبىئىي ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان كۆلىمى 548 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى بۇغدا كۆلىنى مەركەز قىلىپ، بۇغدا كۆلى شىمالىي تۆپىلىك ساياھەت رايونى، چوڭ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى، خانىش بۇتخانىسى ساياھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بۆلۈنىدۇ

     

    تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى شىنجاڭ فۇكاڭ ناھىيەسىنىڭ بۇغدا چوققىسىغا جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1980 مېتر بولۇپ ، كۆل يۈزى يېرىم ئاي شەكلىدىكى تەبىئىي ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ پىلانلانغان كۆلىمى 548 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى بۇغدا كۆلىنى مەركەز قىلىپ، بۇغدا كۆلى شىمالىي تۆپىلىك ساياھەت رايونى، چوڭ بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونى، خانىش بۇتخانىسى ساياھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بۆلۈنىدۇ، داڭلىق بولغان مەنزىرە رايونلىرىدىن شەرقىي كىچىك بۇغدا كۆلى، غەربىي كىچىك بۇغدا كۆلى، بۇغدا كۆلى تاش دەرۋازىسى، شۆخەي ئۈچ چوققىسى، دېڭىز تۇراقلاشتۇرۇش يىڭنىسى قاتارلىقلار بار، بۇغدا كۆلى دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قۇرغاق رايونلاردىكى تىپىك ئېگىز تاغ خاراكتېرلىك تەبىئىي مەنزىرە بولۇپ، 2013-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا يادىكارلىقلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىنىڭ كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1910 مېتر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى 3.5 كىلومېتر، شەرق-غەرب كەڭلىكى 0.8 ~1.5 كىلومېتر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى يۈز مېتر ئەتراپىدا كېلىدۇ. بۇغدا كۆلى ئەتراپىدا مۇكەممەل بولغان ۋېرتىكال تەبىئىي مەنزىرە مەبلىغىدىن تۆتى بار، يىراقتىن ئاق لىباسقا تولغان تاغ چوققىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كۆل سۈيى ئېگىز تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشىدىن تولۇقلىنىدۇ، كۆل يۈزى ئەينەكتەك سۈزۈك. ئاساسلىق كۆلدىن سىرت، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا شەرقىي كۆل، غەربىي كۆلدىن ئىبارەت ئىككى كۆل بولۇپ، شەرقتىكىسى شەرقىي كىچىك بۇغدا كۆلى بولۇپ قەدىمدە قارا ئەجدىھا كۆلى دەپ ئاتالغان، بۇغدا كۆلىنىڭ شەرق تەرىپىگە 500 مېتر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر غەربىي خانئانا يۇيۇنۇپ تارىنىغان جاي ئىكەن، بۇغدا كۆلى بىلەن شەرقىي كىچىك بۇغدا كۆلىنىڭ ئارىسىدا بەيلۇڭ جىلغىسى شاقىراتمىسى بار. بۇغدا كۆلىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 2 كىلومېتر كېلىدىغان ئورۇندا غەربىي كىچىك بۇغدا كۆلى بار بولۇپ، پەرىزات كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رىۋايەت قىلىنىشىچە بۇ يەر غەربىي خانئانىنىڭ پۇت يۇيىدىغان جايى ئىكەن. مەنزىرە رايون ئىچىگە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قىلىپ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن، كۆل ئايلانما پىيادىلەر يولى، فېيلۇڭ ئارا پىيادىلەر يولى قاتارلىق پىيادىلەر يولى ياسالغان.

    بۇغدا كۆلى بىلەن غەربىي خانئانىنىڭ رىۋايىتى ئوتتۇرىسىدا زىچ ئالاقە بار بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك داڭلىقتۇر. بۇغدا كۆلى قەدىمدە « ياۋچى كۆلى» دەپمۇ ئاتالغان، رىۋايەت قىلىنىشىچە، جۇ سۇلالىسىدىكى بەشىنچى ئەۋلاد پادىشاھ جۇ مۇۋاڭ غەربنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەندە، غەربىي خانئانىنىڭ تەۋەلىكىگە كەلگەن، غەربىي خانئانا جۇ مۇۋاڭنى ياۋچى كۆلىدە قىزغىن كۈتىۋالغان، زىياپەتتە ئىككىسى قىزغىن سۆھبەتلىشىپ، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، زىياپەتتىن كېيىن بىرلىكتە بىرقانچە كۈن ساياھەت قىلغان، تا جۇ مۇۋاڭ دۆلىتىگە قايتقانغا قەدەر ئىككىسى بىر-بىرىگە يەنىلا قېنىشمىغان ... غەربىي خان ئانا مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغاندىن كېيىن، ياسىنىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، تەڭرى تېغىدا ئۈچ كۆلچەكنى پەيدا قىلىپ، چوڭىدا يۇيۇنغان، غەربىي، شەرقي كىچىك كۆلدە يۈز، پۇتلىرىنى يۇيغان، مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى چوڭ بۇغدا كۆلى ۋە شەرقىي، غەربىي بۇغدا كۆلىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى. جۇ مۇۋاڭ بىلەن غەربىي خانئانىنىڭ رىۋايىتى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

    گەرچە رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېكايە ئىنتايىن كەڭ تارقىلىپ، بۇغدا كۆلىگە سىرلىق تۈس قوشقان. 2014-يىلىدىن باشلاپ، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ھەر يىلى 8-ئايدا بۇغدا كۆلىدە غەربىي خانئانا بۇتخانا سەيلىسى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان، بۇ ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت ئويۇنلىرى، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ناخشا-ئۇسۇللىرى قويۇلىدۇ، شۇنداقلا ھەرخىل مەززىلىك يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تەگكىلى بولىدۇ، يەنە نەزىر-چىراغ، بەخت تىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1 كۈن

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش پەسلى (4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) : 125 يۈەن \ ئادەم قېتىم

    سۇس پەسىل (11-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە) : 60 يۈەن \ ئادەم قېتىم

    ئېكىسكۇرسىيە ماشىنا بېلىتى: 90 يۈەن \ ئادەم قېتىم (بېرىپ-كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    ئېچىلىش ۋاقتى: جانلىنىش پەسلى 9:00~19:30؛ سۇس پەسىل 10:00~18:00

    ئادرېسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى فۇكاڭ شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    1. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى ـ ئايرودۇرۇم ئاپتوبۇسى ـ ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ـ فۇكاڭ يولۇچى توشۇش بېكىتى ـ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى

    2. ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچى توشۇش بېكىتى ـ ـ فۇكاڭ يولۇچى توشۇش بېكىتى ـ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى بېلەت سېتىش ئورنى

    3. ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئەرگوڭ تەنتەربىيە سارىيى شىمالىي ئىشىكى، قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا بارغاندا، بۇ يەردىن بۇغدا كۆلى ساياھەت رايونىغا بىۋاسىتە بارىدىغان ماشىنا بار

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا:

    1. ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرىدىكى يولۇچىلار تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا فۇكاڭ يۆنىلىشىگە مېڭىپ، فۇكاڭ ستېئېرولۇق كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، بەش كېلومېتر ماڭغاندىن كېيىن بۇغدا كۆلى ستېئېرولۇق كۆۋرۈكىگە كېلىدۇ، كۆرسەتمە بەلگىسى بويىچە S111 لىنىيەسىگە كىرسىلا بۇغدا كۆلى بېلەت سېتىش ئورنىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

    2. گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى ناھىيەسى يۆنىلىشىدىن كېلىدىغان يولۇچىلار تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا فۇكاڭ يۆنىلىشىگە مېڭىپ بۇغدا كۆلى ستېئېرولۇق كۆۋرۈكىگە كەلگەندىن كېيىن، كۆرسەتمە بەلگىسى بويىچە S111 لىنىيەسىگە كىرسىلا بۇغدا كۆلى بېلەت سېتىش ئورنىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.