تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونى

تۇرپان ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ تۆۋەن دىگەن مەنىدە،تۇرپاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى دېڭىز يۈزىدىن 500مېتىر تۆۋەن، گەرچە يەر ھالىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ،لېكىن بۇ يەر دۆلىتىمىزدىكى ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى جاي. ئويمانلىقتىكى يالقۇنتاغ بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولۇپ، ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى دائىم 40 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى، يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتورىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ

     

    تۇرپان ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ تۆۋەن دىگەن مەنىدە،تۇرپاننىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى دېڭىز يۈزىدىن 500مېتىر تۆۋەن، گەرچە يەر ھالىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ،لېكىن بۇ يەر دۆلىتىمىزدىكى ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى جاي. ئويمانلىقتىكى يالقۇنتاغ بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ ئىسسىق جاي بولۇپ، ياز پەسلىدىكى تېمپېراتۇرىسى دائىم 40 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى، يەر يۈزىنىڭ تېمپىراتورىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ. ياز پەسلىدە كۈندۈزدىكى ھاۋا تېمپىراتۇرىسى ئادەمنى چۆچىتىدۇ ،قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئون ئىككى ئون ئۈچ سائەتكە يېتىدۇ ،كەچلىكى بولسا تېمپېراتۇرا تېزلا تۆۋەنلەيدۇ،كۈن بىلەن تۈننىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 15گرادۇستىن ئاشىدۇ ،بۇ خىل تەبىئىي مۇھىت تۇرپاننى مېۋە –چېۋە ئۆسىدىغان ياخشى جاي قىلغان.

    بۇيلۇق يالقۇنتاغنىڭ ئاستىدىكى بىر جىلغا بولۇپ، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 8 كىلومېتر، شەرق-غەرب كەڭلىكى تەخمىنەن 2 كېلومېتر، تۇرپان شەھىرىگە تەخمىنەن 11 كېلومېتر كىلىدۇ. بۇيلۇقتا ئون مىڭغا يىقىن ئۇيغۇر مىللىتى ،خۇيزۇ مىللىتى ،خەنزۇ مىللىتى ئولتۇراقلاشقان ،مەنزىرە رايونىدا بۇيلۇق ساياھەت باغچىسى، ۋاڭ لوبىڭ مۇزىكا سەنئەت سارىيى،داۋازلىق مىللىي ئۇسلۇب باغچىسى،ئەپەندىم باغچىسى، بوستانلىق ئۈزۈمزارلىق باغچىسى قاتارلىق بەش ساياھەت رايونى بار.

    ئۇيغۇرلار ئۈزۈمزارلىقنى (بۇيلۇق) دەپ ئاتايدۇ، ھەم كۆپ ھەم ياخشى ئۈزۈملەر چىقىدىغان ماكان دىگەن مەنىدە. بۇيلۇق مەنزىرە رايونى ئىچىنى ئۈزۈمزارلىق قاپلىغان بولۇپ، 52 خىل ئوخشىمىغان تۈردىكى ئۈزۈملەر بار، مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغىنى داڭلىق ئۇرۇقسىز ئاق كىشمىش،يەنە سوقا كىشمىش، دورىلىققا ئىشلىتىدىغان سۆكسۆك كىشمىشى، قىزىل ئۈزۈم، قارا ئۈزۈم، ئۇرۇقسىز سۆسۈن ئۈزۈم، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم ،ئەتىرگۈل پۇراقلىق ئۈزۈملەر بار. تۈرلىرى مول بولۇپلا قالماستىن ئۈزۈملەرنىڭ سۈپىتىمۇ ئىنتايىن سورتلۇق، تاتلىقلىق دەرىجىسى 19پىرسەنتكە يېتىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشكەن.

    مەنزىرە رايونىدا يەنە دۆڭلەردىكى ئىگىز قاتار –قاتار كەتكەن چۈنچە ئۆيلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، چۈنچە بولسا شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن كېسەكتىن قۇپۇرۇپ سېلىنغان ئۆيلىرى بولۇپ، تۆت چاسا شەكىللىك، تۆت ئەتراپتىكى تېمىدا كىچىك ساناقسىز تۈشۈكچىلىرى بار، ھەم شامال ئۆتۈپ تۇرىدۇ ھەم كۈن نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياز پەسلىدە ئۈزۈملەر پىشقاندا، ئۈزۈملەرنى سېپى بىلەن ئېسىپ قويىدۇ. تۆشۈكچىلەردىن كىرگەن ئىسسىق شامالدىن ئۈزۈملەر تەبئىي قۇرىدۇ.

    «دارۋاز»نىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى بولسا كۆكتە مېڭىش بولۇپ ،ئۇيغۇر سېرىكچىلىكىنىڭ بىر تۈرى ،بۈگۈنگە قەدەر مىڭ يىلدىن يۇقىرى تارىخقا ئىگە .تا ھازىرغىچە دارۋازچىلىق مىللىي ئۇسلۇب باغچىسى ئۆز ۋاقتىدا ئويۇن قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.باغچىنىڭ ئىچىدە يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر »مۇ بار. تونۇر سىلىندىر شەكىلدە سېلىنغان بولۇپ،كەڭلىكى ئون مېتر،ئېگىزلىگى 8 مېتر بولۇپ،بۇ تونۇردا نان ياققىلى بولۇپلا قالماستىن،يەنە بىرلا ۋاقىتتا بىر تۆگە،ئىككى كالا ۋە ئون قوينىڭ گۆشىنى كاۋاپ قىلغىلى بولىدۇ.

    ساياھەتچىلەر يەنە مەنزىرە رايونىنىڭ باشقا جايلىرىنى ئايلانسىمۇ بولىدۇ.ۋاڭ لوبىڭ مۇزىكا سەنئەت سارىيىدا غەرب ئۇسلۇبىدىكى ناخشا چولپىنى ۋاڭ لوبىڭنىڭ 100دىن ئارتۇق رەسىم ۋە قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقلىرى تىزىلغان بولۇپ، ۋاڭ لوبىڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى رەڭدار ھاياتى ۋە ھېكايىسى ئەكىس ئەتكەن. ئەپەندىم مىللىي ئۇسلۇبىدىكى باغچىسىدا،«ئەپەندىم مىللىي ئۆرپ-ئادەت مۇزىيى»دا تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان جەرياندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ،ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئەمگەك قوراللىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.يېشىل ئۈزۈمزارلىق باغچىسىدا ئەپەندىمنىڭ تۇرالغۇسى ۋە بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك داچىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ .(بۇ يەردىكى باي دېگىنىمىز ئەينى چاغدىكى پومىشچىك دېگەن مەنىدە ).

    ھەر يىلى 8-ئايدا،تۇرپاندا ئۈزۈم بايرىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. ئۇيغۇر دېھقانلار ناخشا –ئۇسۇللىرى بىلەن ھەر جايدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ .بۇ ۋاقىتتا ساياھەتچىلەر ئۈزۈم ،قوغۇن ،ئۈجمە قاتارلىق مېۋىلەرگە ئېغىز تېگەلەيدۇ ۋە يەنە «دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تونۇر»دىن پىشقان نانلارنى،توخۇ ۋە قوي كاۋاپلىرىنى يىيەلەيدۇ، دارۋازلىق نومۇرىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىنى كۆرەلەيدۇ ۋە يەنە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چاچ ئۆرۈش مۇسابىقىسى، ئۈزۈم يىيىش مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشالايدۇ . ئىنتايىن قىزىيدۇ.

    مەنزىرە رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى :3سائەت

    ئەڭ ياخشى ساياھەت قىلىش پەسلى : 8-ئاينىڭ ئالدى كەينى

    كىرىش بېلىتى : 75يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى : 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە سائەت 8:00دىن 21:00گىچە

    10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە سائەت 10:00دىن 18:30گىچە

    ئادرېسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    كوچا ئاپتوبۇس: 1-يول ،2-يول،5-يول ،6-يول ،7-يول ،101-يول ،102-يول ،202-يول قاتارلىقلارغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ.

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا:تۇرپان–ئۈرۈمچى-داخۇاڭشەن يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى (312-دۆلەت يولى ).