گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىدىكى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونى

خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونى گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۈن شەھىرى جايلاشقان، گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۈيياڭ شەھىرىگە 128 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنى مەركەز قىلغان، بۇندىن باشقا يەنە 18 شارقىراتما بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما توپلىرىنىڭ بىرى، مەنزىرە رايونىدا تيەنشىڭ كۆۋرۈكى، تۇپو كۆلچىكى، دىشۈيتەن شارقىراتمىسى، بالىڭخې جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونى گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشۈن شەھىرى جايلاشقان، گۈيجۈ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى گۈيياڭ شەھىرىگە 128 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەنزىرە رايونى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنى مەركەز قىلغان، بۇندىن باشقا يەنە 18 شارقىراتما بار بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما توپلىرىنىڭ بىرى، مەنزىرە رايونىدا تيەنشىڭ كۆۋرۈكى، تۇپو كۆلچىكى، دىشۈيتەن شارقىراتمىسى، بالىڭخې جىلغىسى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى بار.

    خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى مەزكۇر مەنزىرە رايونىنىڭ يادرولۇق مەنزىرە نۇقتىسى، كۆلۈمى 8.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى، شارقىراتما غارى، شىنيۇ ساھىلى (كەركىدان ساھىلى) قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى كارست يەر شەكلى ئىچىدىكى يالىنىش، يېرىق تۈرىگە تەۋە تىپىك شارقىراتما، ئېگىزلىكى 77.8 مېتىر، كەڭلىكى 101 مېتىر كېلىدۇ، جۇڭگودىكى شۇنداقلا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ شارقىراتما ھېسابلىنىدۇ. خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى ناھايىتى ھەيۋەتلىك، ئېقىپ چۈشكەن سۇ يېشىللىقا پۈرگەلگەن تاغقا ئېسىلغان ئاق پەردىگە ئوخشايدۇ، ئۈستىدىن چۈشكەن سۇ ئاستىدىكى كۆلچەككە ئۇرۇلۇپ، "تۇمان" ھاسىل قىلىدۇ، يىراقتا تۇرۇپمۇ شارقىراتمىنىڭ "ھەيۋىسى"نى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

    خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۈستىدىن، ئاستىدىن، ئوڭدىن، سولدى، ئىچىدىن، تېشىدىن كۆرگىلى ھەتتا تۇتقىلى بولىدۇ. شارقىراتمىنىڭ 40 مېتىردىن 70 مېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىكىگە 134 مېتىر كېلىدىغان غار يوشۇرۇلغان، ساياھەتچىلەر غار ئچىىدىن شارقىراتمىنى كۆرسە، تۇتسا بولىدۇ.

    خۇاڭشۇ شارقىراتمىسىنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىدا ئۆزگىچە ئېرىمە غار بار. شىنلۇڭ غارىنىڭ (ئەجدىھا غارى) ئاستىنقى قىسمى 380 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4640 مېتىر كېلىدۇ، ھازىر پەقەت 1600 مېتىر كېلىدىغان قىسمى ئېچىۋېتىلدى، شىنلۇڭ غارى قۇرغاق غار ۋە نەم غار دەپ ئىككىگە ئايرىلغان، غار ئىچىدە ھەر خىل شەكىلدىكى ستالاكتىت بار. شىنلۇڭ غارى ئىلگىرى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت باندىتلىرىغا قارىشىلىق بىلدۈرىدىغان مۇھىم بازىرىسى ئىدى، شۇ ۋاقىتتىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر ھازىرغىچە ساقلانغان.

    تيەنشىڭ كۆۋرۈكى مەنزىرە نۇقتىسىدىكى كۈمۈش كولۇن شارقىراتمىسىنىڭ شەكلى ۋارونكىغا ئوخشايدۇ، ئوتتۇرا قىسمى سەل ئويمان بولغاچقا، ئوقۇرسىمان كۆلچەك ھاسىل قىلان، تۆت ئەتراپىدىكى سۇ بۇ يەرگە يىغىلىدۇ، ئاندىن تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ ئاقىدۇ، بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 10 نەچچە مېتىر بولسىمۇ، لېكىن مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل.

    خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنىڭ غەربىگە سەككىز كىلومېتىر كېلىدىغان جاي خۇاڭگوشۇ شارقىراتما توپىدىكى ئەڭ ئېگىز شارقىراتما دىشۈيتەن شارقىراتمىسى، بۇ شارقىراتمىنىڭ ئېگىزلىكى 410 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.

    ماۋشۈيتاڭ كۆلچىكىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان كۆۋرۈك ئۈستىدىكى كۆۋرۈكمۇ ئاجايىپ، بۇ كۆۋرۈك تەبىئىي شەكىللەنگەن، لېكىن باشقا كۆۋرۈكلەرگە ئوخشاش بىر پۈتۈن تاشتىن شەكىللەنگەن بولماستىن، ئوڭدا بىر پارچە، سولدا بىر پارچە، ئوتتۇرىدا بىر پارچە بولۇپ ئۈچ پارچە تاشتىن شەكىللەنگەن.

    6-ئىيۇن بۇيىزۇلارنىڭ مۇھىم بايرىمى، بۇ كۈندە نەزەر-چىراغ ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئويۇن قويۇلىدۇ. خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىدا 2007-يىلى 6-ئىيۇن بۇيىزۇ مەدنىيەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، تازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇندىن باشقا خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى بايرىمىمۇ قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر ۋاقىتقا قاراپ قاتناشسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر ياكى ئىككى كۈن

    بېلەت باھاسى: 1-مارتتىن 30-يانۋارغىچە 180 يۈەن، 1-دېكابىردىن باشلاپ 2-ئاينىڭ ئاخىرىلىرىغىچە 160 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى 07:00دىن 18:00گىچە.

    ئادرېس: گۈيجۇ ئۆلككىسى ئەنشۈن شەھىرى بۇيىزۇ مياۋزۇ ئاپتونۇم ناھىيەسى خۇاڭگوشۇ كەنتى

    قاتناش: بېيجىڭ، چىڭداۋ، كۇنمىڭ، جىنەن، گۇاڭجۇ، سەنيادىن ئەنشۈن خۇاڭگوشۇ ئايرودۇرۇمىغا بىۋاستە قاتنايدىغان ئايروپىلان بار.

    گۇيياڭ ئايرودۇرۇمىدىن جىنئەن قاتناش بېكىتىگە بېرىپ، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىغا بارىدىغان ئاپتۇبوسقا ئولتۇرىسىز.

    گۇيياڭ ئايرودۇرۇمىدىن ئەنشۇن جەنۇبىي قاتناش بېكىتىگە بېرىپ، خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسىغا بارىدىغان ئاپتۇبوسقا ئولتۇرىسىز.

    گۈيياڭ تاشيولى، شاڭخەي-كۇنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، 302-نومۇرلۇق دۆلەت يولى، ليۇپەنشۈي-خۇاڭگوشۇ يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى قاتارلىقلار مەنزىرە رايونىغا بىۋاستە تۇتىشىدۇ.