گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىدىكى لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى

لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىغا 30 كىلومېتىر كلىدۇ، ئومۇمىي كۆلۈمى 60 كىۋادرات كىلومېتىر، يادرولۇق ساياھەت رايونىنىڭ كۆلۈمى 18 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ يەردە قۇرغاق ئۆڭكۈر، شارقىراتقا، تاش ئورمان، چوققىلىق، قىيا قاتارلىق كارست يەر شەكلىگە تەۋە نۇرغۇن مەنزىرىلەر بار. بۇ ەرنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، ئورمان بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ

     

    مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى:

    لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىغا 30 كىلومېتىر كلىدۇ، ئومۇمىي كۆلۈمى 60 كىۋادرات كىلومېتىر، يادرولۇق ساياھەت رايونىنىڭ كۆلۈمى 18 كىۋادرات كىلومېتىر، بۇ يەردە قۇرغاق ئۆڭكۈر، شارقىراتقا، تاش ئورمان، چوققىلىق، قىيا قاتارلىق كارست يەر شەكلىگە تەۋە نۇرغۇن مەنزىرىلەر بار. بۇ ەرنىڭ تەبىئىي بايلىقى مول، ئورمان بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ. "ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۆپ سۇ ۋە قۇرغاق ئۆڭكۈر توپى – لۇڭگۇڭ ئۆڭكۈر توپى"، " تەبىئىي رادىئاتسىيە نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن جاي – لۇڭگۇڭ داڭلىق مەنزىرە رايونى"دىن ئىبارەت شاڭخەي جىنىس رېكورتىنى ياراتقان.

    لۇڭگۇڭنىڭ يەر ئاستى سۇ بايلىقى مول، سۇ سىستېمىسى مۇرەككەپ، ھازىرغىچە بايقالغان سۇ ئۆڭكۈرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5000 مېتىردىن ئاشىدۇ، بەش ئۆڭكۈردىن تەشكىللەنگەن. ھازىرچە 1-ۋە 2-لۇڭگۇڭ ئېچىۋېتىلدى، ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ كەڭ يېرى 40 نەچچە مېتىر چىقىدۇ، ئەڭ تار يېرىگە ئارانلا بىر كېمە پاتىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 28 مېتىر كېلىدۇ. ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تاش تۈۋرۈك , تاش پەردە , ستالاگمىتلار بار، بەزىلىرى قاشتېشىدىن ياسالغان تۈۋرۈككە، بەزىرى قىلىچقا ئوخشايدۇ، سىستولىتلار بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، چوڭ "ئېكران" ھاسىل قىلىغان بولۇپ، چىراغ نۇرى چۈشكەندە ھەر خىل رەڭ قايتۇرىدۇ. كىچىك كېمە بىلەن ئەڭ تار جايدىن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرگەندە خۇددى "ئەجدىھا پادىشاھنىڭ قەسىرى"گە كېلىپ قالغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.

    لۇڭگۇڭ ئاۋالوكىتشىۋارا ئۆڭكۈرى يېرىم ئېچىۋېتىلگەن قۇرغاق ئۆڭكۈر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئۆڭكۈردىكى ئەڭ چوڭ ئىبادەتخانا ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلۈمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۆڭكۈرنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرى 60 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئاۋالوكىتشىۋارا ئۆڭكۈرىدىكى بارلىق سارايلار تەبىئىي شەكىللەنگەن. بۇ ئۆڭكۈردە 32 بۇت بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاۋالوكىتشىۋارا بۇتسادۋانىڭ ئېگىزلىكى 12.6 مېتىر كېلىدۇ، قىياغا بۇددا دىنى داھىيسى، خەتتات جاۋ پۇچۇ يازغان "ئاۋالوكىتشىۋارا ئۆڭكۈرى" دېگەن خەت يېزىلغان تاختا ئېسىلغان.

    لۇڭگۇڭنىڭ ئۈستۈنكى ئېقىنىدىكى شۈەنتاڭ مەنزىرە نۇقتىسىمۇ بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. شۈەنتاڭ كۆلى چەمبەر شەكىلدە، كۆلۈمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، كۆل سۈيى ھېچقانداق شامال كۈچىگە تايانمايدۇ تۆپ پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆلىنىشىدە توختاۋسىز ئاقىدۇ. كۆلنىڭ سول قىرغىقىدىكى ئېتىزلىققا دېھقانلار قىچا ۋە باقىلەنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ، خەنزۇچە "لۇڭ 龙" خېتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەر يىلى ئۈچىنچى ئايدا، لۇڭگۇڭ مەنزىرە رايونىدا قىچا بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر مەنزىرە رايونىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشىدۇ.

    لۇڭگۇڭدا ئاساسلىق بۇيىزۇ، مياۋزۇ، بەيزۇ قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ياشايدۇ، بۇ يەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى كېيىم-كېچەكلىرىنى كۆرگىلى، تائاملىرىدىن ئېغىز تەگكىلى، ئاز سانلىق مىللەتلەر بايرىملىرىدىن ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ، دېھقانلار كالىندارى بويىچە 2-ئاينىڭ 2-كۈنى بۇيىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى "ئەجدىھا باش كۆتۈرگەن كۈن" بولغاچقا، يەرلىك ئامما كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزىدۇ. 6-ئىيۇن بۇيىزۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بايراملارنىڭ بىرى.

    مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە ساياھەت قىلىش ۋاقتى: يېرىم كۈن

    بېلەت باھاسى: 150 يۈەن، پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ.

    ئادرېس: گۈيجۇ ئۆلكىسى ئەنشۈن شەھىرى

    قاتناش: گۈيياڭ قاتناش بېكىتىدىن "گۈيياڭ-ئەنشۈن" لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز.

    ئەنشۈن قاتناش بېكىتىدىن "ئەنشۈن-لۇڭگۇڭ" مەخسۇس لىنىيەسىگە ئولتۇرىسىز.