ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ساياھەت مەنزىرە رايونى

توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) سىچۇەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسىگە جايلاشقان، جىلغا ئىچىدە شۇجېڭ كەنتى، خېيې كەنتى، زېچاۋا كەنتى قاتارلىق توققۇز زاڭزۇ مىللىتى كەنتى بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان، توققۇز كەنت جىلغىسىنىڭ (جيۇجەيگۇ) چېڭدۇ بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتردىن ئاشىدۇ، قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمى 643 كۋادرات كېلومېتىر

     

    توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) سىچۇەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسىگە جايلاشقان، جىلغا ئىچىدە شۇجېڭ كەنتى، خېيې كەنتى، زېچاۋا كەنتى قاتارلىق توققۇز زاڭزۇ مىللىتى كەنتى بولغانلىقتىن شۇنداق ئاتالغان، توققۇز كەنت جىلغىسىنىڭ (جيۇجەيگۇ) چېڭدۇ بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 كىلومېتردىن ئاشىدۇ، قوغداش رايونىنىڭ كۆلىمى 643 كۋادرات كېلومېتىر، ئېچىۋېتىلگەن ساياھەت رايونىنىڭ كۆلىمى 55 كۋادرات كىلومېتر ، مەنزىرە رايونىنىڭ يىللىق ئوتتۇرا تېمپېراتۇرىسى 6~14 گرادۇسقىچە، تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن قاپلانغان، سۇلىرى سۈزۈك بولۇش بىلەن بىرگە يەنە مۈشۈكئېيىق، ئالتۇن ياللىق مايمۇن قاتارلىق قىممەتلىك ھايۋانلار بار.

    توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) نىڭ قەدىمدىن تارتىپلا «توققۇز كەنتتىن قايتقاندىن كېيىن باشقا سۇلارغا قارىغۇسى كەلمەيدۇ» دېگەن گۈزەل نامى بار، بۇ يەردىكى كۆلنى يەرلىك كەنتتىكىلەر خەيزى دەپ ئاتايدۇ، خەيزىنىڭ كۆپىنچىسى چوڭقۇر ئەمەس، سۇلىرى سۈزۈك بولۇپ، تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ساياھەتچىلەر سۇنىڭ ئىچىدىكى يۈسۈن، ئۆسۈملۈك، كىچىك بېلىقلارنى ئوڭايلا كۆرەلەيدۇ، شۇنداقلا كالتسىيلىشىش سەۋەبىدىن، كۆل سۈيى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى كۆك، يېشىل رەڭگە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئەتراپتىكى تاغ، ئورمانلارنىڭ مەنزىرىسى سۇ يۈزىدە ئەكس ئېتىپ، پۈتۈن سۇ يۈزىنى ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ.

    توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) «Y» خېتى شەكلىدە بولۇپ، سول تەرەپتىكىسى چاۋا جىلغىسى، ئاستىدىكى بىرى بولسا شۇجېڭ جىلغىسى، ئوڭ تەرەپتىكىسى بولسا رىزې جىلغىسى. چاڭخەي كۆلى بولسا چاۋا جىلغىسىنىڭ ئايىقىغا جايلاشقان ، كۆلىمى 30 كۋادرات مېتر، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4450 مېتر، ئۇزۇنلۇقى 7500 مېتىر، سۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى 80 مېتر بولۇپ، توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) دىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز، كۆل يۈزى ئەڭ كەڭ بولغان كۆل ھېسابلىنىدۇ. چاڭخەي كۆلىنىڭ سۇ يۈزى قارا كۆك رەڭدە بولۇپ، سۇ مەنبەسى ئاساسلىقى مۇزتاغلارنىڭ ئېرىشىدىن تولۇقلىنىدۇ.

    ۋۇسەي كۆلى بولسا چاڭخەي كۆلىنىڭ ئاستى تەرەپكە بىر كىلومېتر كېلىدىغان ئورۇنغا جايلاشقان، كۆلنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلىرى كۆك، سارغۇچ قىزىل، زەيتۇن يېشىلى قاتارلىق رەڭلەردە كۆرۈنىدۇ، كۆل ئىچىدە يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆسۈملۈكلەر ئۆسىدىغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر ئايال ئىلاھ سېمونىڭ يۇيۇنۇپ تارىنىدىغان جاي بولۇپ، ئەر ئىلاھ داگې ھەر كۈنى چاڭخەيدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇ ئېلىپ كېلىدىكەن، يىللار ئۆتكەنسېرى داگېنىڭ بىر جۈپ پۇتى قىيادا 198 پەلەمپەي ھاسىل قىپتۇ، سېمونىڭ يۈزىدىكى گىرىملەر بولسا ۋۇسەي كۆلىگە ئايلىنىپتۇ.

    ۋۇخۇاخەي كۆلى رىزې جىلغىسىغا جايلاشقان. ۋۇخۇاخەينىڭ ئەتراپىدىكى مەنزىرىلەر ۋۇسەي كۆلىنىڭ مەنزىرىسىدىنمۇ مول، تېخىمۇ رەڭگارەڭ، كۆل ئىچىگە يەنە نۇرغۇنلىغان دەرەخلەرنىڭ يىلتىز-شاخلىرى سوزۇلۇپ كىرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، لۇۋېيخەي كۆلى، ۋولۇڭخەي كۆلى، شۇاڭلۇڭخەي كۆلى قاتارلىق كۆللەرمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئوبدانراق كۆرۈپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.

    توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) دىكى شاقىراتمىنىڭمۇ مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق، ئاساسلىقى جېنجۇتەن، شۇجېڭ، شيوڭماۋخەي، نورىلاڭ قاتارلىق 17 شاقىراتما بار. نورىلاڭ شاقىراتمىسىنىڭ كەڭلىكى 270 مېتر، ئېگىزلىكى 24.5 مېتر بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ شاقىراتما ھېسابلىنىدۇ. جېنجۇتەن شاقىراتمىسىغا ئورەكلەر تولغان بولۇپ، سۇ بۇيەردىن ئۆتكەندە سانسىز سۇ تامچىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا، بۇ سۇ تامچىلىرى مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ، بۇ يەر يەنە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «غەربكە ساياھەت»نىڭ باشلىنىشىدىكى تاڭسىڭ ۋە شاگىرتلىرى سۇ كېچىپ ماڭغان جايدۇر.

    توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ)دىكى تاغ ۋە سۇلارنى كۆرگەندىن سىرت، جىلغا ئىچىدە يەنە ئاسما يول، تاش تۈگمەن، ئۆرۈمە بايراق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زاڭزۇ قەبىلىسىنىڭ مىللى مەدىنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرگىلى، مېھماندوست زاڭزۇ خەلقىنىڭ ناخشا-ئۇسۇل ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. زاڭزۇ ۋە چياڭزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى تائامى ـ كاۋاپ، ئاق ئارپا ھارىقى، سېرىق ماي چېيى، قېتىق قاتارلىقلارمۇ ئۆزگىچە تەمگە ئىگە، يەنە «زاڭزۇ مىللىتىنىڭ سىرى» ۋە «توققۇز كەنت جىلغىسىغا مۇھەببەت» ئويۇنلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~2 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    جانلىنىش پەسلى (ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە): كىرىش بېلىتى 220 يۈەن، ماشىنا بېلىتى 90 يۈەن

    سۇس پەسىل (ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): كىرىش بېلىتى 80 يۈەن، ماشىنا بېلىتى 80 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى:

    جانلىنىش پەسلى (ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە): 7:00~18:00

    سۇس پەسىل (ھەر يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە): 8:30~18:00

    ئادرېسى: سىچۇەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ، چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلغاندا:

    چېڭدۇ ـ دۇجياڭيەن ـ ۋېنچۈەن ـ ماۋشيەن ـ سۇڭفەن ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ)

    چېڭدۇ ـ جىنياڭ ـ جياڭيۇ ـ پىڭۋۇ ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسى ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ)

    چېڭدۇ ـ يائەن ـ لۇدىڭ ـ دەنبا ـ تۆتقىز تېغى ـ مائېركاڭ ـ خوڭيۈەن ـ چۈەنجۇسى ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ)

    ئاۋىئاتسىيە:

    جيۇخۇاڭ ئايرودرومى ـ ئايرودروم مەخسۇس ئاپتوبۇسى ياكى ماشىنا كۆتىرە ئېلىش ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ)

    پويىز:

    باۋچېڭ لىنىيەسى پويىزى ـ گۇاڭيۈەن (ياكى شاۋخۇا) بېكىتىدە چۈشۈپ، ماشىنىغا ئالمىشىش ـ ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسى

    باۋچېڭ لىنىيەسى پويىزى ـ جياڭيۇ بېكىتىدە چۈشۈپ، ماشىنىغا ئالمىشىش ـ ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسى

    باۋچېڭ لىنىيەسى پويىزى ـ شەنشى لۆياڭ بېكىتىدە چۈشۈپ، ماشىنىغا ئالمىشىش ـ ـ توققۇز كەنت جىلغىسى (جيۇجەيگۇ) ناھىيەسى