چېڭدۇ شەھىرى چىنچېڭ تېغى ـ دۇجياڭيەن ساياھەت مەنزىرە رايونى

دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونى دۇجياڭيەن شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، چېڭدۇ شەھىرىگە 39 كىلومېتر كېلىدۇ. دۇجياڭيەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 256-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يۈزۈي، فېيشايەن، باۋپىڭكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشقا بۆلۈنىدۇ، بۇ يەر ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر مەزگىلىدىكى شۇ بەگلىكى دوتىيى لى بىڭ ئاتا-بالا قۇرغان بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن

     

    دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونى دۇجياڭيەن شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، چېڭدۇ شەھىرىگە 39 كىلومېتر كېلىدۇ. دۇجياڭيەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 256-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، يۈزۈي، فېيشايەن، باۋپىڭكوۋدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشقا بۆلۈنىدۇ، بۇ يەر ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر مەزگىلىدىكى شۇ بەگلىكى دوتىيى لى بىڭ ئاتا-بالا قۇرغان بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن، توسمىسىز سۇ باشلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان قەدىمىي سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

    دۇجياڭيەن مىنجياڭ دەرياسىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ، بىرى چاڭجياڭ دەرياسىغا، بىرى چېڭدۇدىكى تۈزلەڭلىككە قۇيۇلىدىغان بولۇپ، مىنجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ تېشىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپەتنى پايدىغا ئايلاندۇرۇپ، ئېتىزلىقلارنى سۇغا قاندۇرىدۇ، قۇم تىزگىنلەيدۇ. ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان دۇجياڭيەن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېڭدۇنى قۇرغاق رايوندىن سۇغا تولغان رايونغا ئايلاندۇرغان. يەرلىكلەر لى بىڭ ئاتا-بالا ئۈچۈن ئىككى ۋاڭ بۇتخانىسىنى ياساپ، دېھقانلار كالىندارى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 6-ئاينىڭ 26-كۈنى نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئۇلارنى خاتىرىلەپ كەلگەن.

    بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ، دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونىدا بۇ قەدىمكى ئۇلۇغ سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئەتراپىدە يەنە فۇلۇڭگۈەن، ئەنلەن ئاسمە كۆۋرۈكى، لىدۈي باغچىسى، لىڭيەن بۇتخانىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ.

    چىڭچېڭ تېغى چېڭدۇ شەھىرى دۇجياڭيەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى 200 كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان بولۇپ، ئالدى تاغ ۋە ئارقا تاغدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرە رايونىغا بۆلىنىدۇ، ئالدى تاغدا تارىخىي مەدىنىي يادىكارلىقلار، ئاسار-ئەتىقىلەر كۆپ بولۇپ، زور مىقداردىكى داۋجياۋ ساڭرام قۇرۇلۇشلىرى، تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەت ۋە بۇتلار، تاش ئابىدىلەر ساقلانغان. ئارقا تاغنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، تاغقا يامىشىشتىكى ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

    چىڭچېڭ تېغىنىڭ داۋجياۋ دىنى ئەنئەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگو داۋجياۋ دىنىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى، پۈتۈن دۇنيادىكى داۋجياۋ دىنى چۈەنجېن دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى ھېسابلىنىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، شەرقىي خەن سۇلالىسى شۈندى دەۋرىدە، داۋجياۋ دىنى «باش روھانىيسى» جاڭ لىن چىڭچېڭ تېغىغا كېلىپ ئۆي سېلىپ، دىن تارقاتقان، شۇنىڭ بىلەن چىڭچېڭ تېغى داۋجياۋ دىنىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ، داۋجياۋ دىنى تەرىپىدىن «بەشىنچى ئىلاھ» قاتارىغا تىزىلغان. بۇ يەردە تا ھازىرغىچە شاڭچىڭ قەسىرى، لاۋجۈن راۋىقى، ئاتا قەسىرى، فۇجيەن قەسىرى قاتارلىق ئون يۈرۈش ساڭرام بار بولۇپ، كۆپىنچىسى چىڭچېڭ تېغىنىڭ ئالدى تېغىغا تارقالغان.

    ئارقا تاغنىڭ كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىدىن لۇڭيىنشيا ئاسما يولى، شۇاڭچۈەن شاقىراتمىسى، ئاسما كۆۋرۈك ئاجايىپ مەنزىرىسى، تەيئەن قەدىمىي كەنتى، جىنبىتيەنساڭ، شېڭمۇ ئۆڭكۈرى قاتارلىقلار بار. ئارقا تاغ ئىنتايىن گۈزەل بولغان مەنزىرىگە ئىگە، ئاقما سۇ، ئاسما يول، يېشىل ئۆسۈملۈكلەر، چوققىلىق قاتارلىق مەنزىرىلەر بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلۇپ، ئىنتايىن گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. ياغاچتىن ياسالغان ئاسما يول ئۈستىدە ماڭغاندا، مۇخلارغا تولغان تاش تاختىلىق يوللاردىن، تاش كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە، ئەتراپ يېشىللىققا تولغان، ئېرىق سۇلىرى شارقىراپ ئاققان بولۇپ، خۇددى جەننەتكە كېلىپ قالغان تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنچىلىك تىنچ ۋە ئازادە.

    دۇجياڭيەندە نۇرغۇنلىغان ئۆزگىچە يېمەكلىكلەر بار. «چىڭچېڭدىكى تۆت ئەڭ» بولسا چىڭچېڭ چېيى، توڭتيەنرۇ ھارىقى، كۈمۈش ئۆرۈك بىلەن توخۇنى دۈملەپ پىشۇرۇش ۋە چىڭچېڭ چىلىغان سېيىدىن ئىبارەت بۇ تۆت خىل ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى كۆرستىدۇ؛ ئارقا تاغدىكى سۈر گۆش مايسىز بولۇپ، تەمى ئېسىل؛ داۋجياۋچىلارنىڭ «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش تامىقى» ئوزۇقلۇق تولۇقلايدۇ.

    يەنە شۇ يەردىكى چايخانىلارغا بېرىپ چاي ئىچىپ كېلىشكىمۇ بولىدۇ؛ بەيما كەنتىدىكى مۈشۈكئېيىق جىلغىسىغا بېرىپ مۈشۈكئېيىقلارنى كۆرۈپ كېلىشكىمۇ بولىدۇ؛ خوڭكوۋ مەنزىرە رايونىدا، لەيلەپ ئېقىش، دالىدا قونۇشنى ھېس قىلىپ بېقىشقا بولىدۇ؛ گۇەنشيەن قەدىمىي شەھىرىدە قەدىمكى سىچۈەننىڭ ئۆرپ-ئادىتى ساقلىنىپ كەلگەن. «ئات ئورۇندۇقى» بولسا چىڭچېڭ تېغى كەنتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى بامبۇك ھۈنىرى ماركىسى بولۇپ، يۈز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، بۇ يەردە بامبۇكتىن ياسالغان ھەرخىل سەنئەت بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ، قىزىقىدىغان ساياھەتچىلەر شۇ يەرگە بېرىپ چۆرگىلەپ باقسا بولىدۇ.

    مەنزىرە رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~2 كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    دۇجياڭيەن ۋە چىڭچېڭ تېغى ئالدى تېغى: 90 يۈەن \ ئادەم

    چىڭچېڭ تېغى ئارقا تېغى: 20 يۈەن \ ئادەم

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~17:00

    ئادرېسى: چېڭدۇ شەھىرى دۇجياڭيەن شەھىرى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    ئاممىۋى ئاپتوبۇس:

    دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونىدىن ئۆتىدىغان لىنىيەلەر: 1-، 4-، 7-، 9-، 17-، 19-، 31-يول ئاپتۇبۇسلىرى

    چىڭچېڭ تېغى مەنزىرە رايونلىرىدىن ئۆتىدىغان لىنىيەلەر: 101-، 102-، 758-يول ئاپتۇبۇسلىرى

    دۇجياڭيەن مەنزىرە رايونىدىن چىڭچېڭ تېغى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ-كېلىشتە 101-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشقا بولىدۇ

    يولۇچىلار ترانسپورتى:

    يېڭى جەنۇبىي قوۋۇق، چاديەنزى، شەھەر شىمالىي قاتناش بېكىتى، غەرقىي بېكەت قاتناش بېكىتى، غەربىي قوۋۇق ماشىنا بېكىتىدە، دۇجياڭيەن يولۇچى توشۇش مەركىزىگە بارىدىغان مەخسۇس لىنىيە بار

    ئاۋىئاتسىيە:

    چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودرومى ـ دۇجياڭيەن ئايرودروم ئاپتۇبۇسى ـ دۇجياڭيەن يولۇچى توشۇش بېكىتى

    شۇاڭليۇ ئايرودرومى مەخسۇس لىنىيەسى 2-نومۇرلۇق لىنىيەسى ـ دۇجياڭيەن دېۋگاتېل پويىز ئىستانسىسى

    ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چېڭگۈەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ دۇجياڭيەن شەھىرى