سىچۇەن لېشەن شەھىرى ئېمېيشەن تېغى مەنزىرە رايونى

ئېمىي تېغى، سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى تەۋەلىكىگە جايلاشقان، غەربتە ئېمېيشەن شەھىرىگە 7 كىلومېتر كېلىدۇ، شەرقتە لېشەن شەھىرىگە 37 كىلومېتر كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 154 كۋادرات كىلومېتر، ئەڭ ئېگىز چوققىسى ۋەنفو چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3099 مېتر، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان خۇاساڭ بۇتخانىسى جايلاشقان جىندىڭ چوققىسى (3079.3 مېتر) بولسا ئېمېيشەن تېغى ساياھەت رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ

     

    ئېمىي تېغى، سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى تەۋەلىكىگە جايلاشقان، غەربتە ئېمېيشەن شەھىرىگە 7 كىلومېتر كېلىدۇ، شەرقتە لېشەن شەھىرىگە 37 كىلومېتر كېلىدۇ. مەنزىرە رايونىنىڭ كۆلىمى 154 كۋادرات كىلومېتر، ئەڭ ئېگىز چوققىسى ۋەنفو چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3099 مېتر، بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان خۇاساڭ بۇتخانىسى جايلاشقان جىندىڭ چوققىسى (3079.3 مېتر) بولسا ئېمېيشەن تېغى ساياھەت رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەر مەشھۇر بولغان بۇددا، داۋجياۋ دىنى تېغى ۋە ساياھەت قىلىشتىكى گۈزەل جاي بولۇپ، « ئېمېي گۈزەللىكى» دېگەن نامغا ئىگە. ئۇ جۇڭگودىكى تۆت چوڭ بۇددا دىنى تېغىنىڭ بىرى بولۇپ، تەخمىنەن 26 يۈرۈش بۇتخانا بار، ئاساسلىقلىرىدىن سەككىز چوڭ بۇتخانا (باۋگو بۇتخانىسى، فۇخۇ بۇتخانىسى، چىڭيىن بۇتخانىسى، ۋەننيەن بۇتخانىسى، خوڭچىڭپىڭ بۇتخانىسى، شيەنفېڭ بۇتخانىسى، شىشياڭ بۇتخانىسى، خۇاساڭ بۇتخانىسى) بار بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ يەر بۇددا دىنىدىكى بۇتساتۋا پۇشيەننىڭ دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئورنى ئىكەن.

    ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى: ۋەنفو چوققىسى، جىندىڭ ئالتۇن بۇتى، جيېيىن قەدىرى، شىشياڭ كۆلى، شيەنفېڭ بۇتخانىسى، توقسان توققۇز ئايلانما، ۋەننيەن بۇتخانىسى، چىڭيىن راۋىقى، چۈنياڭ قەسىرى، لېييىن بۇتخانىسى، باۋگو بۇتخانىسى، فۇخۇ بۇتخانىسى، دافو بۇتخانىسى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەننيەن بۇتخانىسى بولسا سىچۈەن ئېمېيشەن تېغىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قەدىمكى بۇتخانا ھېسابلىنىدۇ. ئېمېيشەن تېغىدىكى سەككىز چوڭ مۇھىم بۇتخانىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەننيەن بۇتخانىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن نەپىس ئىشلەنگەن، بۇتخانىدا پەقەت جۈەنديەن قەسىرىنىڭ ئۆگزىسى كېسەك-تاشتىن ياسالغاندىن سىرت، قالغان ھەممىسى ياغاچ قۇرۇلمىلىق. ۋۇلياڭجۈەن قەسىرى بولسا ۋەننيەن بۇتخانىسىدىكى ئىككىنچى قەسىر بولۇپ، بۇ قەسىرنىڭ ھەممە يېرى كاھىشتىن ياسالغان، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك، ۋۇلياڭجۈەن قەسىرى 400 يىلدىن بۇيان 18 قېتىملىق يەر تەۋرەشنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ھېچقانداق زەخمە يەتمىگە، شۇڭا مەزكۇر قەسىر ئېلىمىز قەدىمىي قۇرۇلۇشلار تارىخىدىكى مۆجىزە دەپ قارىلىدۇ. جىندىڭ چوققىسى ئېمىي تېغى ساياھەت رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3077 مېتر كېلىدۇ، جىندىڭ چوققىسىدىكى ئالتۇن بۇتنىڭ ئېگىزلىكى 48 مېتر، ئېغىرلىقى 660 توننا كېلىدىغان بولۇپ، تەگلىك ۋە ئون تەرەپلىك پۇشيەن ھايكىلىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ يەردە، كۈن چىقىش بولسۇن، ياكى كۈن پېتىش بولسۇن، ۋە ياكى بۇلۇت دېڭىزى بولسۇن، ھەممىسىنىلا كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن چىرايلىق. جىندىڭ چوققىسى يەنە ئېمېيشەن تېغىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە بۇتخانا ئەڭ مەركەزلەشكەن ئورۇن بولۇپ، ئېمېيشەن تېغى جەۋھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل:

    كۈن چىقىش: ياز پەسلى: 6:00 ، قىش پەسلى 7:00

    بۇلۇت دېڭىزى: چۈشتىن بۇرۇن 9:00~10:00، چۈشتىن كېيىن 15:00~16:00

    بۇت نۇرى: چۈشتىن بۇرۇن 9:00~10:00، چۈشتىن كېيىن 15:00~16:00

    مۇقەددەس چىراق: دېھقانلار كالىندارى بويىچە ئاي ئاخىرى ياكى ئاي بېشىمى ئاخشىمى، يامغۇر ياغقاندىن كېيىنكى ھاۋا ئېچىلغان ۋاقىتتا

    كاككۇكگۈلىدىن ھوزۇرلىنىش: لېيدوڭ تۈزلەڭلىكى 4-،5-ئاي، ۋەنفو چوققىسى 5-، 6-ئاي

    سالقىنداش: 6-ئايدىن 10-ئايغىچە

    قىزىل يوپۇرماقتىن ھوزۇرلىنىش: 10-ئاي

    قار تېيىلىش: 11-ئايدىن كېيىنكى يىلنىڭ 3-ئېيىغىچە

    مايمۇن ئويونى: پۈتۈن يىل

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 1~2 كۈن

    كىرىش بېلىتى: جانلىنىش پەسلى (1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە): 185 يۈەن سۇس مەزگىل (12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە): 110 يۈەن ۋەنفو بۇتخانىسى: 10 يۈەن باۋگو بۇتخانىسى 8 يۈەن فۇخۇ بۇتخانىسى 6 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: پۈتۈن كۈن

    ئادرېسى: سىچۇەن ئۆلكىسى لېشەن شەھىرى ئېمېيشەن تېغى

    قاتناش:

    ئايروپىلان: ئاۋۋال چېڭدۇ شۇاڭليۇ ئايرودرومىغا كەلگەندىن كېيىن، چېنجىنلې شەھەر ئەتراپى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزىغا ئولتۇرۇپ ئېمېيشەن تېغى بېكىتىدە چۈشسە بولىدۇ

    پويىز: چېڭدۇ شىمالىي پويىز ئىستانسىسى (24يۈەن) ـ ئېمېيشەن تېغى پويىز ئىستانسىسى ـ (8-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسى 1.5يۈەن ياكى 15 يۈەنلىك تاكسى) ئېمېيشەن تېغى ئېتىكىدىكى باۋگو بۇتخانىسى مەنزىرە رايونى

    ماشىنا: 1. ئېمېيشەن تېغى بېكىتى: ئېمېيشەن تېغى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېكىتى بولۇپ، ئېمېيشەن تېغى باۋگو بۇتخانىسى مەنزىرە رايونىغا ئىنتايىن يېقىن، 5A ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغاندا ئېمېيشەن تېغىغا بارغىلى بولىدۇ، باۋگو بۇتخانىسى مەنزىرە رايونىدا چۈشسە بولىدۇ، ئېمېيشەن تېغى مەنزىرە رايونى ئىچىگە كىرسىمۇ بولىدۇ، ئەڭ يىراق دېگەندە ۋۇشيەنگاڭغا بارىدۇ

    2. ئېمېي بېكىتى: ئېمېيشەن شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسى، بېكەتتىن چىققاندىن كېيىن 8-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغاندا ئېمېيشەن تېغى مەنزىرە رايونى ئىشىكىگە ئۇدۇل بارغىلى بولىدۇ. جاھاندىكى داڭلىق تاغ خاتىرە راۋىقىنىڭ ئورنىدا.

    يولۇچىلار پاراخوتى: ئېمىيشەن شەھىرىگە يولۇچىلار پاراخوتى قاتنىمايدۇ، لېكىن يولۇچىلار پاراخوتى قاتنايدىغان لېشەن شەھىرىگە پەقەت 30 كېلومېتر كېلىدۇ (لېشەن مىنجياڭ دەرياسى بىلەن دادۇخې دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئورنىغا جايلاشقان بولۇپ، يىبىڭ، لۇجۇ، چوڭچىڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پاراخوتى بار)، يولۇچىلار پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ لېشەن شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن، ماشىنىغا ئالمىشىپ، ئېمېيشەن شەھىرىگە كەلسە بولىدۇ.