يۈننەن كۈنمىڭ شەھىرى تاش ئورمان مەنزىرە رايونى

تاش ئورمان مەنزىرە رايون يەنە يۈننەن تاش ئورمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورنى يۈننەن ئۆلكىسىنڭ كۈنمىڭ شەھىرى شىلىن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنىڭ بىرى،ئۇنىڭ كاراست يەر شەكلى دۇنياغا داڭلىق،2.7مىليارد يىللار ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، «دۇنيادىكى بىرىنجى مۆجىزە »دىگەن گۈزەل نامى بار.

     

    تاش ئورمان مەنزىرە رايون يەنە يۈننەن تاش ئورمانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئورنى يۈننەن ئۆلكىسىنڭ كۈنمىڭ شەھىرى شىلىن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرىنىڭ بىرى،ئۇنىڭ كاراست يەر شەكلى دۇنياغا داڭلىق،2.7مىليارد يىللار ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ، «دۇنيادىكى بىرىنجى مۆجىزە »دىگەن گۈزەل نامى بار. تاش ئورمان مەنزىرە رايونى ئاساسلىقى: چوڭ تاش ئورمانلىقى،كىچىك تاش ئورمانلىقى،تاش ئورمانلىق كۆلى،بۇشىياۋ تېغى،لىزى باغچىسى،شامال ئېغىزى غارى ۋە تاش ئورمان غارى قاتارلىقلار بار،پۈتۈن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ تاغ سۇلىرى سۈزۈك،مۇھىتى ساپ،كەڭ كەتكەن شارقىراتمىلىرى بار بولۇپ ساياھەت قىلىشقا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.ساياھەتچىنىڭ جەننىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

    تاش ئورمان مەنزىرە رايونىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل،ھاۋاسى ساپ بولۇپ، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ گۈزەللىكى يەنىلا نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كىچىك تاش ئورمان مەنزىرىسى بىر قەدەر گۈزەل، چوڭ تاش ئورمان مەنزىرىسى تېخىمۇ ھەيۋەت. تاشلىرى كىشىلەر ئالدىدا خۇددى توسمىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. تاش ئورمانلىقىدىكى تاشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكلىرى بار. ئۇ يەردىن مېڭىپ ئۆتكىنىڭىزدە تەبىئەتنىڭ تېخىمۇ سىرلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ساياھەت قىلىۋاتقان چاغدا شۇ يەردىكى ساياھەت يىتەكچىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سالسىڭىز سىزگە ھەربىر تاشنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ، يۆنىلىشنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز دوستلار يولدىن ئادىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    لىزى باغچىسىنىڭ ئىسمى بىر لىزى دەرىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر گۈزەل ئەپسانە. بۇ يەردىكى جەنۇبىي يول تاش ئورمان رايونى ئارىسىدىكى تاشلار ئەڭ زىچ جايلاشقان ئەڭ گۈزەل بىر قىسمىدۇر. جىيۈن غارىنىڭ مەنزىرە نۇقتىسى چوڭ، كىچىك جىيۈن غارى ۋە ئاق ئەجدىرھا غارى بولۇپ، ئىچكى كۆلىمى ناھايىتى چوڭ، بىمالال پائالىيەت ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. غارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان تاش ئويما،تاش تۆۋرۈك قاتارلىق مەنزىرىلەر بار،چىراغ نۇرى بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ.

    ئۇزۇن كۆل بولسا رىۋايەتلەردىكى ئاشىمانىڭ يۇرتى،كۆلنىڭ ئورنى بىر قەدەر ئىچكىرى بولغاچقا يەنە «ساقلانغان كۆل»دىگەن نامىمۇ بار. بايقىلىپ ئېچىلىش ۋاقتى بىر قەدەر كېيىن بولغاچقا،مەنزىرىسى تېخىمۇ تەبىئىي ۋە ساپ،كۆل سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ،كۆل ئاستىدىكى بېلىقلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. مۇھىتى ساپ ۋە گۈزەل. ئارام ئېلىش كۈنلىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كېلىپ ئارام ئېلىشقا ماس كېلىدۇ.

    بۇشىياۋ تېغى مەنزىرە رايونى چوڭ تاش ئورمانلىقىنىڭ شەرقىگە، كىچىك تاش ئورمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ھەربىي پۇقرالار ئىلگىرى مۇشۇ يەردە قورغان سالغان. شۇڭا ھازىرقى بۇ شىياۋ تېغى دىگەن نامى قالغان. تاغ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1796.7 مېتىر كىلىدۇ. چوڭ تاش ئورمانلىقىدىن 50مېتىر ئېگىزلىكتە. تاش ئورمان مەنزىرە رايونىغا نىسبەتەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىگى ئەڭ ئېگىز. مەنزىرە رايونىدىكى تاش ئورمانلارنىڭ ئىچىدە « بۇ شىياۋ بەش تاش ئىشىگى »،«بۇ شىياۋ قارىغاي شاۋقۇنى» قاتارلىق ئۆزگىچە مەنزىرە رايونلىرى بار. چوققا غارى لىزى تاش ئورمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالغا 8 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان،غار ئېغىزى چوڭ ئەمەس، دىئامېتىرى بىر مېتىر كىلىدۇ، ھەر يىلى يامغۇر پەسلىدە يامغۇر سۈيىدىن تىنغان تاشلاردىن ھاسىرغاندەك ئاۋاز تارقىلىدۇ. شۇڭا تىنالايدىغان تاغ ئۆڭكۈرى دىگەن نامى بار. شامال غارى ھازىرغا قەدەر ئېچىۋېتىلمىگەن بولۇپ، ساقلانما مەنزىرە نۇقتىسى ھىسابلىنىدۇ.

    بۇ يەردە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاش ئورمان رايونىدا ياشىغان يىزۇ مىللىتىدىكى سانىلار بار بولۇپ،«ئاشىما» ۋەكىللىكىدىكى مىللىي مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئوت بايرىمى ۋە مىجى بايرىمىمۇ مۇوشۇ يەرنىڭ يەرلىك بايراملىرى ھىسابلىنىدۇ.ئوت بايرىمى ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ،بۇ يىزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈندە ئەر-ئايال، قېرى –ياش ھەممىسى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىشىپ جەم بولۇپ بايرام شاتلىقىغا چۆمىدۇ. مىجى بايرىمى بولسا ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارى قىش ئېيىنىڭ 1-چاشقان كۈنىدىن ئات كۈنىگىچە، ئادەتتە ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، يىزۇ مىللىتىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئاتا –بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان مەدەنىيەت ۋە تارىخى تۇرمۇشقا ئىگە قەدىمىي جەمئىيەت شەكىلدىكى بايرىمىدۇر.

    يىمەكلىك جەھەتتە، تاش ئورمان شورپا قازىنى، تاش ئورمان ئالاھىدە ئۇيۇتمىسى ۋە سۈزمە پىرەنىكى بۇ يەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى ھىسابلىنىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى:AAAAA

    ئەڭ مۇۋاپىق پەسىل: 3-ئايدىن 10-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت ۋاقتى:5سائەتتىن 7سائەتكىچە

    بېلەت باھاسى:175يۈەن /ئادەم

    ئادرېسى: كۈنمىڭ شەھىرى شىلىن يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى

    قاتناش كۆرسەتكۈچى: پويىز بىلەن بارسا بولىدۇ، شەرقى يولۇچىلار ئاپتوموبىل بېكىتىدىن بارسا بولىدۇ، ساياھەت كوپىراتىپىغا ئەگىشىپ ياكى تاكسى ئارقىلىق بارسىمۇ بولىدۇ.