يۈننەن لىجاڭ شەھىرى يۈلۇڭ قار چوققىسى مەنزىرە رايونى

لىجاڭ شەھىرى يۈلۇڭ قار چوققىسى مەنزىرە رايونى، يۈلۇڭ ناشى ئوبلاستىنىڭ ناھىيە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قار چوققىسىدۇر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلىقى 35 كىلومېتر، شەرق-غەرب كەڭلىكى 13 كىلومېتر، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتر، چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 5596 مېتر ،قار چوققىسى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتر ئېگىزلىككە جايلاشقان

     

    لىجاڭ شەھىرى يۈلۇڭ قار چوققىسى مەنزىرە رايونى، يۈلۇڭ ناشى ئوبلاستىنىڭ ناھىيە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي يېرىم شارنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى قار چوققىسىدۇر، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلىقى 35 كىلومېتر، شەرق-غەرب كەڭلىكى 13 كىلومېتر، كۆلىمى 960 كۋادرات كىلومېتر، چوققىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 5596 مېتر ،قار چوققىسى ۋە مەنزىرە رايونىنىڭ ئورنى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتر ئېگىزلىككە جايلاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 415 كۋادرات كىلومېتر، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن: يەلپۈگۈچ چوققىسى ،گەنخەيزى جىلغىسى ، يىنشاڭ لىجياڭ، بۇلۇت تاغ جىلغىسى،مۇزلۇق باغچىسى ،كۆك ئاي جىلغىسى ،قوتاز تۈزلەڭلىكى قاتارلىقلار بار.

    گەنخەيزى بولسا قاشتېشى ئەجدىھا تاغ چوققىسىنىڭ شەرقىدىكى ئېگىز يايلاققا جايلاشقان تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانىدۇر.

    يايلاقنىڭ ئومۇمىي كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، ئۇزۇنلىقى 1.5 كىلومېتىر بولۇپ، قويۇق ئۆسكەن ئوت –چۆپلەر بىلەن تولغان. گەنخەيزى بولسا، قاشتېشى ئەجدىھا چوققىسىغا ئەڭ يېقىن ۋە ئورنى ئەڭ ياخشى بولغان جاي.بۇ يەردە دۇنيادىكى ئېكۋاتور ئۇزۇنلىقى ئەڭ ئۇزۇن ،ئاسىيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى ئەڭ ئېگىز بولغان، بىردىنبىر قار چوققىسى ئاستىدىكى گولف توپ مەيدانى بار. ئىگىزلىكتىكى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ مەنزىرىسى ۋە قارلىق چوققا بىر بىرىگە باغلىنىپ تۇرۇشى، بۇ يەرنىڭ ئالاھىدە مەنزىرە رايونىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بولۇپ، رەسىمگە چۈشۈش ۋە ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. گەنخەيزى بولسا قاشتىشى ئەجدىھا مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن مەنزىرە نۇقتىسى، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ، ساياھەت ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق بولۇپ،بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى ساياھەت ھۇزۇرىنى سۈرگىلى بولىدۇ.

    كۆك ئاي جىلغىسى بولسا قارلىق چوققىلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىپ يىغىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، سۈزۈكلىكىدىن تېگىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كۆل سۈيىدە كۆك ئاسماننىڭ رەڭگى ئەكىس ئېتىدۇ، تاغ جىلغىسى ھىلال ئاي شەكلىدە بولغانلىقى ئۈچۈن «كۆك ئاي جىلغىسى» دەپ ئاتالغان. كۆك ئاي جىلغىسى قەدىمدە «ئاق دەريا »دەپ ئاتالغان، چۈنكى دەريا ئاق رەڭلىك تاشتىن تۈزۈلگەن،يامغۇر ياغقاندا دەريا سۈيى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «ئاق دەريا »دەپ ئاتىغان.

    لىجياڭ قاتلىمىسى، توخو ماش سوغۇق ئېشى، مايدا پىشۇرۇلغان پوشكال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى لىجياڭنىڭ داڭلىق يىمەكلىكلىرى. لىجياڭ قاتلىمىسى بولسا ناشى مىللىتىنىڭ ئالاھىدە يىمەكلىكى بولۇپ، ئاساسلىقى شۇ جاينىڭ بۇغداي ئۇنىنى ئىشلىتىپ ئېتىلىدۇ، ناھايىتى تەملىك بولۇپ ئۇزۇن ساقلاشقا بولىدۇ ، ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، سوۋغات سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە ناھايىتى ماس كىلىدۇ،پەقەت قايتىدىن قازانغا سېلىپ قاينىتىۋەتسىلا،يەنە ئەسلى تەمگە قايتىپ كىلىدۇ. توخو ماش سوغۇق ئېشى بولسا ناشى مىللىتىنىڭ تاماق ئۈستىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تاماق تۈرى بولۇپ، لىجياڭنىڭ ئالاھىدە توخو مېشىدا ئېتىلگەن لەڭپۇڭىدۇر، يازدا كىشىگە سالقىنلىق، قىشتا ئىسسىق تۇيغۇ بېرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە توخو مېشىدا ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ۋە ئاسان قوبۇل قىلىنىدىغان 18خىل ئامىنو كىسىلاتاسى، كالتىسىي، سىنىك، تۆمۈر ۋە مول بولغان ۋىتامىنلار بار. ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلغاندا قاندىكى شېكەر ماددىسىنى چۈشۈرۈپ، مىزاجنى تەڭشەيدىغان بولۇپ، بىر خىل ساغلام ھەم يېيىشلىك بولغان ئالاھىدە تاماق تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

    مەنزىرە رايون دەرىجىسى :AAAAA

    ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى پەسىل :11-ئايدىن باشلاپ كىلەر يىلى 3-ئايغىچە

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت ۋاقتى : بىر كۈن

    كىرىش بېلىتى:

    يۈرۈشلۈك بېلەت : چوڭ ئەجدىھا كىرىش بېلىتى 225يۈەن، (بۇ تاغقا كىرىش بېلىتى، شەرقىي جىلغا، قاشتىشى چوققىسى، شەرقىي چوڭ ئىلاھى، قاشتىشى سۈيى جىلغىسى، قاشتىشى بۇتخانىسى، شەرقىي ۋاڭ ئوردىسى قاتارلىق ئالتە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    پارچە بېلەت : تاغقا كىرىش بېلىتى 105يۈەن . ( چوڭ ئەجدىھادىكى ئالتە مەنزىرە رايونىنىڭ بېلىتىنى ئايرىم سېتىۋالىدۇ ) قەدىمىي شەھەر ئاسىراش ھەققى 80يۈەن. ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ۋە ئوفېتسىرلىق كىنىشكىسى بولسا يېرىم بېلەت. باشقا كىنىشكىلەر ئېتىراپ قىلىنمايدۇ.

    مۇزلۇق باغچا بېلىتى : 150 يۈەن. يۈنشەن تۈزلەڭلىكى كىچىك جىلغىسى : 55يۈەن. قوتاز ئىگىزلىكى:60يۈەن. گەنخەيزىدىن ھەر قايسى ئاسما يول بېكەتلىرىگە بارىدىغان مۇھىت ئاسراش ماشىنىسى بېلىتى 20يۈەن

    ئېچىۋېتىش ۋاقتى : 9:30 دىن 16:00غىچە

    ئادرېسى: يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرى يۈلۇڭ ناشى ئاپتونوم ئوبلاست ناھىيەسى

    قاتناش كۆرسەتكۈچى:

    شەھەر ئىچى قاتنىشى: مەنزىرە رايون قاتنىشى بىر قەدەر قولايلىق بولۇپ، ماشىنا ھۆددىگە ئېلىش ياكى مەخسۇس لىنىيە ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ.

    لىجياڭدىن قاشتىشى ئەجدىھا چوققىسىغىچە بارىدىغان ماشىنا قىزىل قۇياش مەيدانىنىڭ يېنىدىكى 7-يول ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرسا بولىدۇ، 15يۈەن/ئادەم

    مەنزىرە رايون قاتنىشى: قاشتېشى ئەجدىھا چوققىسىنىڭ مۇھىت ئاسراش ماشىنىسى 20يۈەن /ئادەم، قاشتېشى ئەجدىھا چوققىسىدىكى مۇزلۇق باغچىسى، كۆك ئاي جىلغىسى، يۈنشەن تۈزلەڭلىكى، قوتاز تۈزلەڭلىكى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا بارىدۇ.

    قوتاز تۈزلەڭلىكىگە بارىدىغان ماشىنىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى: 8:30 دىن 15:00گىچە، ھەر يېرىم سائەتتە بىرسى ماڭىدۇ.