چۇڭچىڭ دازۇ تاش ئويمىلىرى مەنزىرە رايونى

دازۇ تاش ئويمىلىرى چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايىنى تەۋەسىگە جايلاشقان، ئاساسلىقى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى بولغان مىڭ ئۆي سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى بۇددا دىنى توغرىسىدىكى تاش ئويمىلىرى بولۇپ، بۇددا دىنى باش تېما قىلىنغان، بولۇپمۇ بېيشەن تېغى بىلەن باۋدىڭ تېغىدىكى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان قەدىمىي تاش ئويما سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ

     

    دازۇ تاش ئويمىلىرى چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ رايىنى تەۋەسىگە جايلاشقان، ئاساسلىقى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى بولغان مىڭ ئۆي سەنئىتىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، سۇڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى بۇددا دىنى توغرىسىدىكى تاش ئويمىلىرى بولۇپ، بۇددا دىنى باش تېما قىلىنغان، بولۇپمۇ بېيشەن تېغى بىلەن باۋدىڭ تېغىدىكى تاغ يارلىرىغا ئويۇلغان خەتلەر ۋە بۇتلارنىڭ ھەيكەللىرى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان قەدىمىي تاش ئويما سەنئىتى ھېسابلىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا مەدىنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغان كىرگۈزۈلگەن، جۇڭگودىكى تۇنجى قارار 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى، دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مىڭ ئۆينىڭ بىرى، «شەرق گۈزەل-سەنئىتىنىڭ ئەڭگۈشتىرى» دېگەن نامغا ئىگە، شۇنداقلا مەشھۇر بولغان قىممەتلىك سەنئەت، تارىخىي خەزىنە ۋە بۇددا دىنىنىڭ مۇقەددەس ئورنى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇھىم شەخىسلىرى، داڭلىق شەخىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان ۋە ماختىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەتئەلدىكى ساياھەتچىلەر سىچۈەننى ساياھەت قىلغاندا، چوقۇم بارىدىغان جايى ھېسابلىنىدۇ.
    ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن: دازۇ تاش ئويمىلىرى، باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى، بېيشەن تاش ئويمىلىرى، شىمېن تېغى تاش ئويمىلىرى، شىجۈەن تاش ئويمىلىرى، نەنشەن تاش ئويمىلىرى قاتارلىقلار بار.

    باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى دازۇ ناھىيىسى لۇڭگاڭ بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى 15 كېلومېتر بولغن ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 527.83 مېتر كېلىدۇ. تاغ يارلىرىغا بۇددا دىنى سۈرىتى ئويۇلغان، شېڭشۇ بۇتخانىسىنى مەركەز قىلغان دافوۋەن، شياۋفوۋەن ھەيكەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ياسىلىشى كۆركەم بولۇپ، تولۇق ساقلانغان، «ئالتىنچى ئەۋلات ئويمىچى» جاۋ جىفېڭ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى چۈنشى يىللىرىدىن لۇزىيو يىللىرى ئارىسىدا (مىلادىيە 1174-يىلدىن 1252-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا) 70 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئويلاپ، ئادەم تەشكىللەپ ئويۇپ چىققان بولۇپ، چوڭ تىپتىكى بۇددا دىنى تانترىزىم ئورنى ھېسابلىنىدۇ. شېڭشۇ بۇتخانىسى مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى قېتىم قايتا ياسالغان. ھازىر ساقلىنىپ قالغان شەنمېن، تيەنۋاڭ ئوردىسى، دىشى ئوردىسى، داشيوڭ ئوردىسى، سەنشىفو ئوردىسى، رەندېڭ ئوردىسى ۋە ۋېڭمو ئوردىسىدىن ئىبارەت يەتتە ئوردا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قايتا ياسالغان.

    بېيشەن تېغى يارلىرىغا ئويۇلغان خەت ۋە بۇتلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا ئويۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئاخىرلاشقان، تاغ ئويمىلىرى دازۇ رايونى شەھەر رايونىنىڭ شىمالىغا 2 كېلومېتر كېلىدىغان بېيشەن تېغىغا جايلاشقان. بېيشەن تېغى، قەدىمدە لۇڭگاڭ تېغى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 545.5 مېتر كېلىدۇ. ئاساسلىق تاش ئويمىلاردىن، ۋېيجۈنجىڭ، پىشامېن تەڭرىقۇتى، مىڭقوللۇق شەپقەتچى مەبۇدە، ساكيامونى بۇت تەكچىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە، شەپقەتچى مەبۇدە بولسا دازۇ تاش ئويمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ زىچ، ئەڭ كۆپ، ئەڭ نەپىس ئويۇلغان بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئايال كىشى سۈپىتىدە ئويۇلغان.

    مەنزىرە رايونى تۈرى: AAAAA

    ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل: تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: 3~6 سائەت

    كىرىش بېلىتى: 1. جانلىنىش پەسلى (3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە) باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى (شېڭشو بۇتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ): 135 يۈەن، بېيشەن تېغى تاش ئويمىلىرى: 90 يۈەن، نەنشەن تېغى تاش ئويمىلىرى: 5 يۈەن، شېڭشو بۇتخانىسى: 15 يۈەن، بىرلەشمە بېلەت (باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى، بېيشەن تېغى تاش ئويمىلىرى، شېڭشو بۇتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ): 170 يۈەن. 2. سۇس پەسىل (12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە) باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى (شېڭشو بۇتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ): 110 يۈەن، بېيشەن تېغى تاش ئويمىلىرى: 70 يۈەن، نەنشەن تېغى تاش ئويمىلىرى: 5 يۈەن، شېڭشو بۇتخانىسى: 15 يۈەن، بىرلەشمە بېلەت (باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرى، بېيشەن تېغى تاش ئويمىلىرى، شېڭشو بۇتخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ): 120 يۈەن.

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:30~18:00

    ئادرېسى: چۇڭچىڭ شەھىرى دازۇ ناھىيىسى بېيشەن يولى 7-نومۇر

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    سەييۈەنبېي ياكى چېنجياپىڭ ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بېكىتىدىن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ دازۇغا كېلىدۇ، دازۇغا كەلگەندىن كېيىن پىيادە ياكى تاكسىغا ئولتۇرۇپ، بېيشەن تاش ئويمىلىرىغا كەلسە بولىدۇ، يەنە باۋدىڭ تېغى تاش ئويمىلىرىغا بېرىپ-كېلىدىغان ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ.