چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا ـ شياۋ شياۋ سەنشيا

چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا ـ شياۋشياۋ سەنشيا تۈگۈنى چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىگە خوشنا بولۇپ، چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، شياۋ سەنشيا، شياۋ شياۋ سەنشيا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. شياۋ سەنشيا ـ شياۋ شياۋ سەنشيا تۈگۈنى قانىلى بىر قەدەر تار، لېكىن سۇ ئېقىمى ئىنتايىن سۈزۈك، ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا تولغان، شۇڭا « سەنشيادىن گۈزەل» نامىغا ئىگە.

     

    چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا ـ شياۋشياۋ سەنشيا تۈگۈنى چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىگە خوشنا بولۇپ، چاڭجياڭ سەنشيا تۈگۈنىنىڭ ھەيۋەتلىك قىياپىتىگە سېلىشتۇرغاندا، شياۋ سەنشيا، شياۋ شياۋ سەنشيا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. شياۋ سەنشيا ـ شياۋ شياۋ سەنشيا تۈگۈنى قانىلى بىر قەدەر تار، لېكىن سۇ ئېقىمى ئىنتايىن سۈزۈك، ئىككى قىرغىقى يېشىللىققا تولغان، شۇڭا « سەنشيادىن گۈزەل» نامىغا ئىگە. ئىككى قىرغاقتىكى تاغ يارلىرىدا ئاسما جەسەت ساندۇقى، كېمىلىك جەسەت ساندۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، يەنە ياۋا ماككا مايمۇنلىرىمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆرۈنۈپ قالىدۇ.

    چۇڭچىڭ ۋۇشەن تېغى شياۋ سەنشيا تۈگۈنى يەنە دانىڭ دەرياسى شياۋ سەنشيا تۈگۈنى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 50 مېتر، لۇڭمېن بوغۇزى، باۋۇ بوغۇزى ۋە دىسۈي بوغۇزىدىن تەشكىل تاپقان. لۇڭمېن بوغۇزى شياۋ سەنشيانىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 3 كېلومېتر، داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن شىشوۋ قوۋۇقى، گۇجيەنداۋ خارابىسى، يىنۋو ساھىلى، موجياۋ ساھىلى قاتارلىقلار بار، يەنە لۇڭمېن بۇلىقى دەرياغا قاراپ ئاقىدۇ، غەربىي قىرغىقىدا گۇجيەنداۋ خارابىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    لۇڭمېن بوغۇزىدىن چىققاندىن كېيىن، سۇ شىددەتلىك ئاقىدىغان يىنۋو ساھىلىدىن ئۆتكەندىن كېيىنلا باۋۇ بوغۇزىغا كېلىدۇ، باۋۇ بوغۇزى يەنە تۆمۈر جەسەت ساندۇقى بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ بۆلەك دەريانىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، سۇ يۈزىدىن تۆت بەش مېتر ئېگىزلىكتىكى تاش ئارىلىقىدا قارا راڭلىك ئاسما جەسەت ساندۇقى بار، بۇ ئاسما جەسەت ساندۇقى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن قالغان، رەڭگى قارا بولۇپ، تۆمۈرگە ئوخشىغانلىقتىن «تۆمۈر جەسەت ساندۇقى» دەپ ئاتىلىدۇ، تۆمۈر جەسەت ساندۇقى بوغۇزى دېگەن ناممۇ شۇ سەۋەبلىك كەلگەن.

    دىسۈي بوغۇزى تەخمىنەن 20 كېلومېتر بولۇپ، شياۋ سەنشيا تۈگۈنىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بۆلەك ھېسابلىنىدۇ، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرىدىن شاقىراتما ئۆڭكۈرى، تاغ يارلىرىدىكى بۇت ئويمىسى، ئاسما يول، ئاسما كۆۋرۈك، ئاسما جەسەت ساندۇقى قاتارلىقلار بار. دىسۈي بوغۇزىدىن يىراق بولمىغان ئورۇن داچاڭ قەدىمىي بازىرى بولۇپ، جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان، 2003-يىلى سەنشيا قۇرۇلۇشىدا سۇ ساقلانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى ئورنىدىن 8 كېلومېتر يىراقلىقتىكى داچاڭ كۆلىنىڭ يېنىغا قايتا ياسالغان. ساياھەتچىلەر بۇ يەردە كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاندىن سىرت، يەنە مىڭ يىللىق قەدىمىي بازارنىڭ مەنزىرىسىنى ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ.

    ۋۇشەن تېغى شياۋ شياۋ سەنشيا تۈگۈنى دىسۈي بوغۇزىدىكى تارماق ئېقىن بولغان مادۇ دەرياسىغا جايلاشقان بولۇپ، چاڭتەن بوغۇزى، چىنۋاڭ بوغۇزى، سەنچېڭ بوغۇزىدىن تەشكىل تاپقان، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 15 كېلومېتر، سۇ يولى شياۋ سەنشيادىن تېخىمۇ تار، تاغلىرى تېخىمۇ تىك، بۇ يەر جىددىي ئېقىمنى ھېس قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن بولۇپ، «جۇڭگودىكى بىرىنچى ئاقما» دەپ ئاتىلىدۇ.

    چاڭتەن بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 5 كېلومېتر بولۇپ، ئارىلىقتا 2 كېلومېتر ئۇزۇنلۇقتا، 10 مېتردىن ئارتۇق كەڭلىكتە ساھىل بولغانلىقتىن چاڭتەن دەپ ئاتالغان. بوغۇز ئىچىدە، دىشۈي قىياسى، سوڭمىڭ بۇلىقى، چۈەندوڭزى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار. چىنۋاڭ بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4 كېلومېتر، جىددىي ئېقىمنى كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى بۆلەك ھېسابلىنىدۇ، بۇ يەردە ۋاڭشياڭ سۇپىسى، خۇتو قىياسى، لوخەن قەسىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار. سەنچېڭ بوغۇزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 5 كېلومېتر، سۇ ئېقىمى جىددىي بولغانلىقتىن، پەقەت ئۇزۇن خادىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇ بۆلەكتە لۇخۇيتوۋ، شوۋشىڭ چوققىسى، لۇڭخۇ كۆلى، مۇچىن تېشى، ئاي قورغىنى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى بار.

    قىش، كۈز پەسلىدە دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى دەرەخلەر ئوخشاش رەڭگە كىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شياۋ سەنشيا، شياۋشياۋ سەنشيا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ، يامغۇر ياغقان ۋاقىتتا بولسا، بۇلۇتلار يامىشىپ، يەنە بىر خىل مەنزىرە شەكىللەندۈرىدۇ. كىچىك كېمىگە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلغاچ، كېمىچىنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاش، ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنتايىن ياقىدۇ.

    ساياھەت رايونى دەرىجىسى: AAAAA

    تەۋسىيە قىلىنغان ساياھەت قىلىش ۋاقتى: بىر كۈن

    كىرىش بېلىتى: 150 يۈەن

    ئېچىلىش ۋاقتى: 8:00~17:30

    ئادرېسى: چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيىسى

    قاتناش كۆرسەتمىسى:

    چۇڭچىڭ جياڭبېي خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ـ چۇڭچىڭ ماشىنا بېكىتى، چاۋتيەنمېن ماشىنا بېكىتى، لۇڭتوۋسى ماشىنا بېكىتى، لۇڭتوۋسى جەنۇبىي ماشىنا بېكىتى ـ ۋۇشەن قاتناش بېكىتى ـ 101-105-ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ـ شياۋسەنشيا ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى

    ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش:

    چۇڭچىڭ ـ يۈيى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ـ چاڭشۇ ـ ديەنجياڭ مۇلازىمەت رايونى ـ لياڭپىڭ ـ لياڭپىڭ مۇلازىمەت رايونى ـ ۋانجۇ مۇلازىمەت رايونى ـ فېڭجيې مۇلازىمەت رايونى ـ كۇيمېن ـ ۋۇشەن ناھىيەسى