ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئۆسمە كېسىلى بىمارلىرى خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن......

مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-01 15:18

خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، خىمىيەلىك داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار ئۆسمە بىمارلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان پىلازمىسى ئاق ئاقسىلىنىڭ قويۇقلۇقىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ.



قان پىلازمىسى ئاق ئاقسىلى ئازىيىپ كەتكەن ھامان توقۇلما سۇيۇقلۇقى يىغىلىپ قېلىپ، قورساق بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىش، تۆۋەنكى ئەزالار سۇلۇق ئىششىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئورگانىزم ئاجىزلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، ئىنكاسى ئاستىلاش، قان ئازلىق، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىمار ئىزچىل بىر يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ. شۇڭا بىمارغا قانداق قىلىپ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بىمار ۋە ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە.

1. ئىككى خىل ئۇسۇل ئىشتىھانى ئاچىدۇ.



(1) بىمارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

مۇتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلاردا خىمىيەلىك داۋالىغاندىن كېيىن يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، دوختۇر يەنە يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىزراق بولۇشىنى مەخسۇس تاپىلايدۇ، ئەسلىدىكى يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئۆزگىرىدۇ.

خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن، ئاشقازان راكى بىمارلىرى ئاچچىق، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا بىمارلار يېگەن نەرسىلەرنىڭ تەمى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. ئائىلىدىكىلىرى تاماق ئەتكەندە ئىمكانقەدەر مول بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا ھەر قېتىم ئوخشاش تاماق يېمەسلىكى، ماتېرىيالغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ بىمارنىڭ ئىشتىھاسىنى كۆتۈرۈشكىمۇ ئۈنۈمى بار.



(2) ئىشتىھا ئاچىدىغان يېمەكلىكلەر

بىمارلار ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشتىھانى ئاچقىلى بولىدۇ، مەسىلەن: چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر، دولانا، ئاپېلسىن قاتارلىقلار.

2. خىمىيەلىك داۋالانغان بىمارلار قانداق قىلغاندا ئىلمىي ئوزۇقلۇق تولۇقلىيالايدۇ؟

(1) ئېنېرگىيەنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى كۆرۈلگەندىن كېيىن، كېسەللىك سەۋەبىنى كونترول قىلىش ئاساسىدا، ئورگانىزم ئېنېرگىيەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بىر كۈنلۈك ئومۇمىي ئېنېرگىيە 1500 كالورىيەدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. پەقەت ئورگانىزمنىڭ كۈندىلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قاندۇرغاندىلا، ئاندىن قاندىكى ئاقسىلنى يۇقىرى كۆتۈرۈش شەرتىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ، ئەگەر ئورگانىزم يېتەرلىك ئېنېرگىيە قوبۇل قىلالمىسا، ئۇ ھالدا ئورگانىزم چوقۇم ماي ۋە ئاقسىلنى خورىتىدۇ.

(2) يېتەرلىك ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش: تۇخۇم، سۈت، ئورۇق گۆش، سويا پۇرچاق ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

(3) يېڭى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا يەپ بېرىش، مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

(4) يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە تېببىي ئورۇنغا ئىشلىتىلىدىغان ئوزۇقلۇق تالقىنىنى، مەسىلەن ئاقسىل تالقىنى، تولۇق ئوزۇقلۇق تالقىنىنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئۆسمە كېسىلى بىمارلىرى خىمىيەلىك داۋالانغاندىن كېيىن......

خىمىيەلىك داۋالاش دورىلىرىنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، خىمىيەلىك داۋالاش كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار ئۆسمە بىمارلىرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان پىلازمىسى ئاق ئاقسىلىنىڭ قويۇقلۇقىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىدۇ.