بۇ ئۈچ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بولمسا دىيابېت كېسىلى يوقلاپ كەلمىسۇن
ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇخلاش ئۇسۇلى بولسا، چۇقۇم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىڭ، بولمىسا بىلىپ بىلمەي دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىز.
1. چۈشلۈك ئۇيقۇ يۇقىرى قان شېكىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئەگەر كەچلىك ئۇيقۇ سۈپىتى بەك ناچار بولسا، ئادەم چۈشتە ئاسانلا مۈگدەپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چۈشلۈك ئۇيقۇنى ئۇخلىسا، كەچتە يەنە ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىپ، بىر خىل ئۆلۈك دەۋرىيلىككە پېتىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئۇيقۇ توسالغۇسى بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، قان شېكىرى يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. ئۇخلاش ۋاقتى ئاز، ئۇزۇن ۋاقىت يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق.
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت بەش سائەتتىن ئارتۇق ئۇخلىيالمىسا، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، %20 ئەتراپىدا ئاشىدىكەن.
3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېمەك-ئىچمەك بەك كۆپ بولۇش.
ئۇزۇن مۇددەت ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ يەپ-ئىچسە، بەدەندىكى ئىنسۇلىن قارشىلىقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يېتىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىل ئەھۋال ئۈچەي ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ.