ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ناشتا قىلمىغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 14:14

ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ ۋاخ تاماق ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تاماق ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

1. ئاشقازان ياللۇغى ياكى ئاشقازان يارىسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەممىدىن زىيانلىق، ئادەتتە نورمال ئەھۋالدا ئالدىنقى كۈنى كەچتە يېگەن تاماق ئالتە سائەت ئەتراپىدا ئاشقازاندىن ئۆتۈپ، ئۈچەي يولىغا كىرىپ بولىدۇ، ناۋادا ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلمىغاندا، ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازاندىكى ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى ئاشقازاننىڭ تىرپىنى ‹‹ھەزىم قىلىشقا›› باشلايدۇ. دائىم شۇنداق بولۇۋەرگەندە، ھۈجەيرە ئاجراتقان يېپىشقاق سۇيۇقلۇقنىڭ نورمال ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئاشقازان يارىسى ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

2. ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ناشتىدا ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستېمال قىلىشنى، ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىققا ئادەتلىنىپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلىدۇ، چۈنكى ئەتىگەندە ئاچ قورساق تۇرۇۋەرگەندە، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاسانلا يىغىلىپ قېلىپ، ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.

3. داس بوشلۇقى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. كۆپىنچە قىز-ئاياللار ئورۇقلاش ئۈچۈن، ھەتتا ناشتىمۇ قىلمايدۇ، بۇنداق قىلغاندا كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يېتىدۇ. بولۇپمۇ قىشتا ناشتا قىلمىغاندا ئادەم بەدىنىگە ئاسانلا قۇۋۋەت يېتىشمەي قالىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ بەدىنىنى سوغۇق قاپلاپ، داس بوشلۇقىدىكى قان-تومۇرلار تارىيىپ كېسەل پەيدا قىلىدۇ.

4. قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا تۆۋەن قويۇقلۇقتىكى ياغ ئاقسىلى قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىپ، ئارتېرىيە قېتىشىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا ساغلاملىق ئۈچۈن ئەتىگەندە ناشتا قىلىش كېرەك. ناشتىدا سۈت، قېتىق، ئېرىمچىك، ئاشلىقتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئارپا ئۇمىچى، مېۋە-مېۋە شەربىتى قاتارىقلارنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ناشتا قىلمىغاندا كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەر

ئەتىگەنلىك ناشتا ئۈچ ۋاخ تاماق ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم تاماق ھېسابلىنىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا تۈرلۈك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ