ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئادەتتە قارىچۇق كۆز ئەينەك ھەممىلا كىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-21 14:21

 قارىچۇق كۆز ئەينەك كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان يېقىننى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. قارىچۇق كۆز ئەينەك 15 ياشتىن كىچىك بالىلار، 40 ياشتىن چوڭ كىشىلەرنىڭ تاقىشىغا ماس كەلمەيدۇ. قارىچۇق كۆز ئەينەكنى بەك بالدۇر تاقىۋالغاندا، مۈڭگۈز پەردىسىگە ئوكسىگىن تەمىنلىنىش ۋە فىزىيولوگىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇشقا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ناۋادا قارىچۇق كۆز ئەينەكنىڭ ئەگرىلىكى بىلەن مۈڭگۈز پەردىسى ماس كەلمىسە، مۈڭگۈز پەردىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ. ئېغىر بولغاندا مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ياكى تۆشۈك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا، قارىچۇق كۆز ئەينەكنى تاقىمىغىنى ياخشى. 40 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن كۆز توقۇلمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي چىكىنىدۇ. كۆز قارىچۇقىنىڭ ئوكسىگىن يىتىشمەسلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆز قارىچۇقىنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ئەينەك تاقىغاندا، مۈڭگۈز پەردىسىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئادەتتە قارىچۇق كۆز ئەينەك ھەممىلا كىشىگە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

قارىچۇق كۆز ئەينەك كەشىپ قىلىنغاندىن بۇيان يېقىننى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.