ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەھەر تۇرغاندىن كېيىنكى ئالتۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، بۇ تۆت ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتسىڭىز، تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 09:14

  ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، سەھەردىن كېيىنكى ئالتۇن ۋاقىت ئىسراپ بولسا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن قايسى خىل ئورنىدىن تۇرۇش توغرا ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ؟ قانداق قىلغاندا توغرا ئۇسۇلدا تەرەت قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق سۇ ئىچىش كېرەك؟ سائەت قانچىدە ناشتا قىلىش كېرەك؟ پەقەت ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرگەندىلا ئاندىن ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدۇ.


بىرىنچى ناچار ئادەت

ئورنىدىن تۇرغاندا بەك تېز تۇرۇپ كېتىش

___________________________________________________________________________________________


  ئادەم ئۇخلىغاندا، چوڭ مېڭە پوستلىقى ئۇيقۇ ھالىتىدە، تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، تۈرلۈك فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارلىرى تۆۋەن سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ، مېتابولىزم سەۋىيەسى تۆۋەنلەيدۇ، يۈرەك سوقۇشى ئاستىلايدۇ، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمدىلا ئويغانغاندا، بۇ خىل «ئۇخلاش ئىنېرتسىيەسى» يەنە بىر ئاز داۋاملىشىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا دەرھاللا كارىۋاتتىن چۈشسە، ئاسانلا چوڭ مېڭىگە قان يېتىشمەي، سەكتە، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق تاساددىپىيلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

توغرا ئۇسۇل:

  ئورنىدىن تۇرۇشتا «333» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، يەنى يېڭىلا ئويغانغاندا، كۆزىنى ئېچىپ كارىۋاتتا 30 سېكۇنت يېتىش، جايىدا 30 سېكۇنت ئولتۇرۇش، كارىۋات قىرىدا 30 سېكۇنت ئولتۇرۇش، ئاندىن كارىۋاتتىن چۈشۈش كېرەك.



ئىككىنچى ناچار ئادەت

ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ھەسەل سۈيى، سۇس تۇز سۈيى ئىچىش

___________________________________________________________________________________________

  بەزىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، ھەسەل سۈيى، سۇس تۇز سۈيى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، زەھەرنى ھەيدەشكە پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل خاتا.

  ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئەگەر سۇس تۇز سۈيى ئىچسە، تۇزنىڭ بىر كۈنلۈك ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.

  ھەسەلنىڭ %70تىن ئارتۇق تەركىبى ئەمەلىيەتتە شېكەر بولۇپ، ئاساسلىقى فرۇكتوزىنى ئاساس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىۋاسىتە ھەسەل سۈيى ئىچكەندە، ئادەم بەدىنىدىكى قان شېكىرىنىڭ قويۇقلۇقى ئاسانلا ئېشىپ كېتىپ، بەزى دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ.

  يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەھەر تۇرۇپ ھەسەل سۈيى ئىچىشى ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ھەسەلنىڭ ئۈچەينى سىلىقلاپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى پەقەت فرۇكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەرگىلا ئۈنۈم بېرىدۇ، بۇ خىل كىشىلەر فرۇكتوزىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ناھايىتى تېزلا چوڭ تەرەت قىلىش ياكى چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئۈچەينى نەمدەپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرغانلىق ئەمەس، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سالامەتلىككە پايدىسىز.

توغرا ئۇسۇل:

  قايناقسۇ ئىچىش ئەتىگەندە تۇنجى ئىستاكان سۇ ئىچىشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش. سۇ ئىچكەندە ئاز مىقداردا، كۆپ قېتىم ئىچىش كېرەك، بىراقلا بەك تېز، بەك كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، سۇ ئىچىش مىقدارى 100 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئەڭ ياخشىسى 20 سېلسىيە گىرادۇستىن 40 سېلسىيە گىرادۇسقىچە كونتىرول قىلىش كېرەك، چۈنكى زىيادە قىزىق سۇ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.


ئۈچىنچى ناچار ئادەت

تەرەت قىلغاندا دىققىتىنى يىغماسلىق، بەك ئۇزاق ئولتۇرۇش

___________________________________________________________________________________________

  ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىنكى ئورنىدىن تۇرۇش رېفلېكسى چوڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە چوڭ تەرەت قىلىشقا پايدىلىق، شۇڭا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چوڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتى بىر قەدەر جانلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشنى سىناپ باقىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا.

  لېكىن بەزىلەر تەرەت قىلغاندا يان تېلېفون ئويناشقا ياكى كىتاب، گېزىت ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، تازىلىق ئۆيىگە بىر كىرىۋالسا يېرىم سائەتكىچە چىقمايدۇ، بۇ خىل ئۇسۇل خاتا بولۇپ، تەرەت قىلىش قىيىنلىشىپلا قالماي، يەنە گېموروي بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  توغرا ئۇسۇل:

تەرەت قىلغاندا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش، باشقا ئىش قىلماسلىق، كۆڭۈل قويۇش، ھەر قېتىملىق تەرەت ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئىككىنچىدىن، تەرەت قىلغاندا بەك كۈچەپ كەتمەسلىك كېرەك، بولۇپمۇ ياشانغانلار توپى، بولمىسا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش، مېڭە قان تومۇرى يېرىلىش قاتارلىق تاسادىپىيلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.


تۆتىنچى ناچار ئادەت

ۋاقتىدا ناشتا قىلماسلىق

___________________________________________________________________________________________

ئەتىگەندە ناشتا قىلىپلا قالماي، بالدۇرراق يېيىش كېرەك. ئىشقا بارىدىغان، مەكتەپكە بارىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەتىگەندە ۋاقىت قىس بولىدۇ، بەزىلەر كۆپرەك ئۇخلىۋېلىش ئۈچۈن، ناشتا قىلماسلىقنى تاللىشى ياكى ئىدارە، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ناشتا قىلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئۇسۇل ئاشقازان كېسىلى، ئۆتكە تاش چۈشۈش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، يەنە سېمىزلىك ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.

2023-يىلى «تەبىئەت . خەۋەرلىشىش» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، سائەت 8دىن بۇرۇن ناشتا قىلىپ بولۇش، سائەت 20دىن بۇرۇن كەچلىك تاماق يەپ بولۇش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە ئىكەن؛ سائەت 9دىن كېيىن ناشتا قىلىش، سائەت 21دىن كېيىن كەچلىك تاماق يېيىش تېخىمۇ يۇقىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

بۇنىڭدىن باشقا، 2023-يىلى ئېلان قىلىنغان «خەلقئارا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەت خاراكتېرلىك سائەت 8دىن بۇرۇن ناشتا قىلغان قاتناشقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا، سائەت 9دىن كېيىن ناشتا قىلغان قاتناشقۇچىلارنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %59 يۇقىرى بولىدىكەن.

توغرا ئۇسۇل:

ناشتا ۋاقتى سائەت يەتتىدىن سەككىزگىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. يېمەكلىك تەركىبىدە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، لېتسىتىن، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولۇشى كېرەك، يۇقىرىقى پرىنسىپلارغا ئاساسەن، ئىككى خىل ھاياتىي كۈچكە ئىگە ناشتىلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز:

1. بىر ئىستاكان سۈت+بىر دانە تۇخۇم+ئىككى پارچە بۇغداي ئۇنى بولكىسى+بىر دانە پەمىدۇر؛

2. بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى+كالا گۆشى ۋە شېڭسەي قىستۇرۇلغان بىر قوتۇرماچ+بىر كىچىك سىقىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە (ياڭاق، قارىغاي ئۇرۇقى قاتارلىقلار).

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەھەر تۇرغاندىن كېيىنكى ئالتۇن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماڭ، بۇ تۆت ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتسىڭىز، تېخىمۇ ساغلام بولۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيسىز

ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن، سەھەردىن كېيىنكى ئالتۇن ۋاقىت ئىسراپ بولسا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئويغانغاندىن كېيىن قايسى خىل ئورنىدىن تۇرۇش توغرا ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ؟