ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-10 14:28

  بەزى كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسى كۈچلۈك بولغاچقا تاماقلارنى تۇزلۇقراق ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ. بۇ تۇز ئىستېمال قىلىشنىڭ خەتىرىنى يەنىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە ئاسانلا قان بېسىمى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئادەم بىر كۈندە ئىستېمال قىلغان تۇزنىڭ مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغانلار تۇزلۇق يېمەكلىكلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىكەن. سەۋەبى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا دوپائىننىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئادەمدە خۇشاللىق ھېسسىياتى پەيدا قىلىپ، نىكوتىن ۋە ئىسپىرتقا ئوخشاش ئادەمنى خۇمار قىلىدىكەن.

    مۇتەخەسسىسلەر شۇنداق تەكلىپ بېرىدۇكى: تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن ساقلانماقچى بولسىڭىز، بىر كۈنلۈك ئۈچ ۋاق تاماقتا ھەر ۋاقلىق تاماققا ئىشلىتىلىدىغان تۇز مىقدارىنىڭ بىر گىرامدىن تۆۋەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالىسىڭىزلا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن تۇزسىز تاماققا كۆنۈپ قالىسىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسىمۇ ئادەمنى خۇمار قىلىدۇ

بەزى كىشىلەرنىڭ تەم سەزگۈسى كۈچلۈك بولغاچقا تاماقلارنى تۇزلۇقراق ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن، بۇنى ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.