ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇلاق قىچىشسىمۇ كوچىلاپ بىر نەرسە تاپالمىسا نېمە بولغىنى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-12 08:02

  جۇڭشەن داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى ۋۇ شۈئەن ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر پات-پات قۇلاق قىچىشىش كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن:

   1.تاشقى قۇلاق يولى ھۆل تەمرەتكىسى؛

   2. تاشقى قۇلاق يولىدا يات ماددا بولۇش؛

   3. زەمبۇرۇغلۇق تاشقى قۇلاق يولى ياللۇغى؛ 

  4. زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى؛

  5.كانا.

ئەمما قۇلاقنى كۆپ كوچىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، بولمىسا تۆۋەندىكى خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىشى مۇمكىن:

  1.ناغرا پەردە زەخىملىنىش ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى ياكى گاسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ 

 2. قۇلاق كىرى ئىتتىرىلىپ قۇلاق كىرى كەپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛

3.ئۇزۇن مۇددەت قۇلاق يولىدىكى تېرىنى غىدىقلاش راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تەرجىمان: مەھلىيا ئىبراھىم

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قۇلاق قىچىشسىمۇ كوچىلاپ بىر نەرسە تاپالمىسا نېمە بولغىنى؟

ئەگەر پات-پات قۇلاق قىچىشىش كۆرۈلسە، تۆۋەندىكى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن