يوغان قورساقنى يوقىتىش نېمانچە تەس؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-12 08:11
ئادەم بەدىنىدە ئىككى خىل ماي بار، بىرى تېرە ئاستى مېيى، مەسىلەن، قورسىقىمىزدىكى قاتلىشىپ كەتكەن بۆلەكلەر؛ يەنە بىرى ئىچكى ئەزا مېيى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار ئىچكى ئەزالارغا يوشۇرۇنغان ( مەسىلەن، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىقلار )، بۇ مايلار ساقلاش شەكلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆزگەرتىپ، ئاچ قورساق ھالەتكە ئۇيغۇنلىشىدۇ، ئورۇقلاشنىڭ ئۇلارغا ئۈنۈمى بولمايدۇ.
1.پىۋا قورساق:بۇنداق قورساق خۇددى بىر چوڭ قازانغا ئوخشايدۇ. ھاراق ئىچىش، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.
2. شار قورساق: قورساق سىرتقا پولتىيىپ چىققان بولىدۇ، تۇتقاندا ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، ئاشقازان - ئۈچەي كۆپۈش، قەۋزىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
3.بېسىم قورساق: خۇددى بىر ئايلانما بولكىنى يۆگىۋالغاندەك كۆكرەك قىسمى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. بېسىم زىيادە چوڭ بولۇپ كەتسە كورتىزول ھورمۇنى قويۇپ بېرىلىپ، قاندىكى شېكەر يىغىلىپ، مايغا ئايلىنىدۇ.
4. نەشپۈت قورساق:بېلى ئىنچىكە، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدىكى ساڭگىلاپ چىققان گۆش كۆپىنچە ئانىلىق ھورمۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، قورساقتا ماي يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەرجىمان: مەھلىيا ئىبراھىم