ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆز نېمە ئۈچۈن شامالدا ياشاڭغىرايدۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-15 16:18

بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزى بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ كۆزى شامالدا ئاسانلا ياشاڭغىرايدۇ، بولۇپمۇ سىرتلاردا شامالغا يولۇققاندا خىرەلىشىدۇ، قىچىشىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ياش بېزى ھەرۋاقىت كۆز يېشى سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىدۇ، كۆز يېشى كۆز ئالمىسىنى نەمدەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياش يولى ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقىغا قاراپ ئاقىدۇ. ئەگەر كۆز كېسەللىكى سەۋەبلىك كۆز يېشى زىيادە كۆپ ئاجرىلىپ چىقسا ياكى ياش يولىدا مەسىلە كۆرۈلسە، ياش ئېقىشى راۋان بولماي، كۆز يېشى سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ.

ياش يولى يوشۇرۇن توسۇلۇش ئەھۋالى ياشانغانلاردا بولۇپمۇ ياشانغان ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاساسلىقى، ئاياللارنىڭ يۈز سۆڭىكىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى ۋە ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئازىيىشى سەۋەبىدىن، ياش يولى شىللىق پەردىسىنىڭ قۇرغاقلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
   ياش يولى توسۇلغان ياكى توسۇلمىغانلىقىنى ئامبۇلاتورىيەدە ئاددىي بولغان ياش يولىنى يۇيۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى توسۇلۇشنى قەرەللىك يۇيۇش ئارقىلىق ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ياش يولىنى تەكشۈرۈش، ھەتتا ياش يولىنى شەكىلگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

يەنە تېخىمۇ كۆپ ياشانغانلاردا، كۆز مۇسكۇلى بوشىشىش، كۆز قاپىقى سىرتقا ئۆرۈلۈش ۋە ياش توچكىسىنىڭ ئورنى بىنورمال بولۇش سەۋەبىدىن ياش سۇيۇقلۇقى ياش توكچىسى ئارقىلىق ياش يولىغا كىرەلمەسلىكى مۇمكىن، بۇنى ئادەتتە فىزىيولوگىيەلىك چېكىنىش، دەپ قاراشقا بولىدۇ، ئالاھىدە داۋالاش ھاجەتسىز.

ياش سۈرتۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. قولدا خالىغانچە سۈرتۈشكە بولمايدۇ. بولمىسا كۆز قاپىقى سىرتقا ئۆرۈلۈپ، ياشاڭغىراشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، پاكىز پاختا لۆڭگە بىلەن يېنىك بېسىپ كۆز يېشىنى سۈرتۈش كېرەك. ئادەتتە كۆز ئەتراپىنى، ياش يولىنى مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بېرىش، يەنى ئۇۋۇلاشتىن بۇرۇن ئىككى قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك.

تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كۆز نېمە ئۈچۈن شامالدا ياشاڭغىرايدۇ؟

كۆز نېمە ئۈچۈن شامالدا ياشاڭغىرايدۇ؟