ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ساغلام ئوزۇقلىناي دېسىڭىز...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 10:58

تېببىي تەتقىقاتچىلارنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدىكى %36.9 يۈرەك قان تومۇرىنىڭ ئۆلۈشىنى ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تەسىرى ئەڭ چوڭ بولغىنى «بەش ئاز، بىر كۆپ» بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئىكەن. يەنى «بەش ئاز، بىر كۆپ» دېگىنىمىز: دانلىق زىرائەتلەرنى ئاز يېيىش، تۇز كۆپ بولۇش، مېۋە-چېۋىنى ئاز يېيىش، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە ئۇرۇقلارنى ئاز يېيىش، كۆكتاتنى ئاز ئىستېمال قىلىش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، پايدىلىق ياغ كىسلاتاسىنى ئاز ئىستېمال قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  دېمەك ساغلام ئوزۇقلىنىشتا، ھەر ۋاقلىق تاماقتا مۇۋاپىق مىقداردا كۆكتات بولۇش؛ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى كۆكتاتنىڭ مىقدارىنىڭ 300 گىرامدىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىستېمال قىلغان تاماقنىڭ يېرىمى قېنىق رەڭلىك كۆكتاتتىن تەركىب تېپىش؛ ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان يېڭى مېۋە-چىۋىنىڭ مىقدارى 200-350 گىرامغىچە بولۇش. ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى، مېۋە شەربىتىنى يېڭى مېۋىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك؛ تېرىق، كۆممىقوناق، سۇلۇ، قارا بۇغداي، بۇغداي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك.

تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى

中央广播电视总台 央广网 版权所有