تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا...
تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندا، ئارتېرىيە قېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلاتقىلى بولىدۇ. تېببىي تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قان تومۇرنى ئاسراشتا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ھەرىكەت - يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سىمپاتىك نېرۋىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىشىنى پەسەيتىپ، ئارتېرىيە قېتىشنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرىدىكەن. شۇڭا بىمار ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، يېشى ۋە يۈرەك قان تومۇر ئىقتىدارىغا ئاساسەن يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، پالاق ئوينىتىش تۈرىدىكى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسا، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە ئۈچ-تۆت قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ھەرىكەت قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
تەرجىمان: پولات ئاماننۇرى