ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-23 09:59

20-يانۋار ئەڭ سوغۇق بولىدىغان «قاپاق ياردى» كۈنى، لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر مەھەل 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى. ھەممەيلەن قەھرىتان قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرى بىلەن خوشلىشىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىغان شۇ پەيتتە، شىمالنىڭ يەنە بىر قېتىملىق كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھاۋا رايى ئىستانسىسى 20-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 22-يانۋار كېچىدىن 25-يانۋار كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار يېغىپ، يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 15~25 سانتىمېتىرغىچە يېتىدىكەن. ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئاساسلىقى 22-يانۋار كېچىدىن 23-يانۋار كۈندۈزگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىن سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىغىچە بولغان بىرىنچى سەپتە 23-يانۋار كۈندۈزدىن كېچىگىچە قار ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، قاراماي شەھىرى، سەنشىلى، بەيلىفىڭ قاتارلىق جايلاردا شامال كۈچى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 11 بال ئەتراپىغا يېتىدىكەن. 

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاچقا، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئومۇميۈزلۈك 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 12 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 35-سېلسىيە گىرادۇستىن 28-سېلسىيە گىرادۇسقىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 27-سېلسىيە گىرادۇستىن 22-سېلسىيە گىرادۇسقىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇراسى 24-سېلسىيە گىرادۇستىن 18-سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 23-يانۋار سەھەردىن كېچىگىچە شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونى، گەنچۈەنباۋ ۋە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى، تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇرھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، يۇقىرىقى رايونلاردا 4-5 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن؛ داۋانچىڭدا ئازراق ياكى ئوتتۇرھال قار يېغىپ 5-6 بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

25-، 26-يانۋار شەھەر رايونى، مىدۇڭ رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 20-سېلسىيە گىرادۇستىن 18-سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن، گەنچۈەنباۋ، نەنسەن تاغلىق رايونى ۋە داۋانچىڭ رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 26-سېلسىيە گىرادۇستىن 24-سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىستانسىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: بۇ قېتىمقى قار يېغىش جەريانىدا بىر قىسىم جايلاردا شامال چىققانلىقتىن قار توزۇپ كۆرۈش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى، يوللار تېيىلغاق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە قېلىن قار دۆۋىسىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، بۇ شەھەرنىڭ قاتناش-تىرانسپورتى ۋە ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم. يېقىندا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كەلگەندە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

20-يانۋار ئەڭ سوغۇق بولىدىغان «قاپاق ياردى» كۈنى، لېكىن ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر مەھەل 0 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى.