ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قىزىق نۇقتا

ئېلىمىزدەئاشلىق يېتەرلىك،تالىشىپ سېتىۋېلىش، بېسىپ قويۇش ھاجەتسىز

يېزا ئىگىلىكى يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى

2020-04-05 18:16

ۋىدېيو تەزىيە بىلدۈرۈش ئەستە چىڭ ساقلاش ئۈچۈن

4-ئاينىڭ 4-كۈنى چىڭمىڭ بايرىمى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا قۇربان بولغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلدى،

2020-04-05 18:15

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمىنى ھاقارەتلىگەن نوچى ئاخىرى ...

يېقىندا، قىسمەن تورداشلار مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ۋۇخەن شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر ئەر خىزمەتچىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشنى رەت قىلىپ، خىزمەتچى خادىملار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى ھەمدە مەھەللىدە دىجورنىلىق قىلىۋاتقان خىزمەتچىنى ھاقارەتلىدى.

2020-04-05 15:30

ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئاشتى

ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 300 مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكا ھازىر دۇنيا بويىچە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان.

2020-04-05 12:08

پۇتىنمۇ يىراق مۇساپىلىك ئىش بېجىرىشكە باشلىدى

يېقىندا رۇسىيە تاراتقۇلىرى موسكۋادىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانا - «كومناركا» داۋالاش مەركىزىنىڭ باش ۋىراچى پروتسېنكونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

2020-04-05 12:07

شىنجاڭدا يۇقۇم ھەققىدە ئىغۋا تارقاتقانلارغا تەنبىھ بېرىلدى

يېقىندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «قاراماي شەھىرىدە گۇمانىي بىمار ۋە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بايقالدى»، «قاراماي شەھىرىنى تاقايدۇ» دېگەندەك ئىغۋالارنى توقۇپ تارقاتقان ليۇ X، گاۋ X قاتارلىق سەككىز ئادەمنى قانۇن بويىچە چاقىرتتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلدى، ج خ ئورگىنى ئۇلارغا قانۇن بويىچە تەنبىھ بېرىپ، تەنقىدىي تەربىيە ئىشلىدى.

2020-04-03 22:47

ئۈرۈمچىدە ئىجارە ھەققى كەچۈرۈم قىلىنغانلارنىڭ بېسىمى يىنىكلىدى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودا-سارايلار ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ ياكى كەچۈرۈم قىلىپ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلەتتى

2020-04-03 22:46

قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنمىغان چەتئەللىكلەر جازالاندى

يېقىندا، قىسمەن جايلاردا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق چەتئەللىكلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنماسلىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بەردى. بۇنىڭغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلغان، ئاممىۋى ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزگەن چەتئەللىكلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ».

2020-04-03 18:37

ئامېرىكىدا ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇشىغا ئىلتىماس قىلغانلار 6 مىليون

ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۆلەتتە يامرىشى سەۋەبىدىن، ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىم ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇش ئىلتىماسى سۇنغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئېشىپ 6 مىليون 648 مىڭغا يېتىپ، يەنە بىر قېتىم تارىخىي رېكورتنى بۇزغان.

2020-04-03 18:35

شىنجاڭلىقلارغا يۈز مىليون يۈەن ئىستېمال قىزىل بولىقى تەييارلاندى

بۇ ھەپتىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىستېمالنى غىدىقلاش ئۈچۈن، ھەر خىل شەكىلدىكى سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2020-04-03 18:30

中央广播电视总台 央广网 版权所有