ۋەكىل ليۇ شىيا: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بېسىمى يېنىكلىتىلسە
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ليۇ شىيا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ بىر تۈرلۈك تۈپ خاراكتېرلىك مېخانىزم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچى نىسبىتىنى ئىلگىرىكى 20:1 دىن 13:1 گە تەڭشەش، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى نىسبىتىنى ئىلگىرىكى 13.5:1 دىن 8:1 گە تەڭشەش تەكلىپىنى بەردى.