بىر ئادەم قازا قىلىپ، 37 ئادەم يارىلاندى
يېقىندا تيەنجىندە بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن ئاممىۋى ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ، بىر ئادەم قازا قىلىپ، 37 ئادەم يېنىك يارىلانغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش، سەھىيە قاتارلىق تارماقلارنىڭ خادىملىرى تېزدىن نەق مەيدانغا بېرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان. يارىدارلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن. نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.