ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىناقلىق ۋە مەرىپەت نۇرى چېچىۋاتقان يىگىت

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-13 16:44

 

ئىناقلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەش ئاقىلانىلىك، ئۇ دۇنياۋى تېما، مەڭگۈلۈك مېلودىيە!

سەنشى ئۆلكىلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە ئۈلگىلىك مۇنەۋۋەر شەخس- ھەبىبۇللا تۇرسۇن مۇئەللىم شىنجاڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆردەكلىك يېزىسى تۇڭگانمازار كەنتىدىن ئىبارەت تەكلىماكاننىڭ چېتىدىكى يىراق سەھرادا ئادەتتىكى ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، شۇ كەنتتىن چىققان تۇنجى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، ھەم تۇنجى ماگىستىر، شۇنداقلا تۇنجى دوكتورانت.

ھەبىبۇللا كىچىكىدىنلا ئوقۇشقا ھېرسمەن ئىدى، ئۇ پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، ھەرمىللەت خەلقىنىڭ كۆيۈنىشى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمىدە توغرا يولدا مېڭىپ، «بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ» دېگەن ئىدىيەنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدەندى. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئىجىل–ئىناق ئۆتۈپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئىلىم ئىزلەش سەزگۈرەشتىلىرى نۇرغۇن گۈزەل ھەم تەسىرلىك ھېكايە بولدى، ئۇنىڭ ئىناقلىق ھەققىدىكى ئىش-پائالىيەتلىرى، قېتىرقىنىش روھى ئوقۇغۇچىلىرىغا، ئەتراپىدىكىلەرگە ئۈلگە ۋە ئىلھام بولماقتا.

ئۇ 2017-يىلى 6-ئايدا ماگستىرلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئۇزۇن يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، ۋەتەننىڭ نەرى ئېھتىياجلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىش ئىرادىسى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان سەنشى ئۆلكىسنىڭ مەركىزى تەييۈەن شەھىرىگە بېرىپ ئالىي مائارىپ ساھەسىدە، يەنى تەييۈەن پەن-تېخنىكا داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمىتى جەريانىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشتى، ئىزچىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسرىدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇپ ئىجىل ئۆتتى. مىننەتدارلىق روھى، ئىناقلىق نۇرىنى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، توغرا، ئىلمىي يولدا ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىشىغا ھەمدەم بولدى.

ئۇنىڭ بۇ جەرياندا تارتقان جاپالىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ قاراتمىلىق ياردىمى، مەخسۇس يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، ھەر مىللەتتىن بولغان 61 ئوقۇغۇچىسىنىڭ 60ى ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، شۇنداقلا ئۇ 58 ئوقۇغۇچىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن خىزمەت تېپىشىغا ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلدى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەر قايسى جەھەتلەردىن يول كۆرسەتتى.

ئۇ تەتقىقات ئىشلىرىدىمۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتتى، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۆلكىلىك تەتقىقات تېمىسىدىن ئىككىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، يەنە خىزمەتتىكى يېڭلىق يارىتىش ئېڭى، تىرىشچانلىق روھى بىلەن مەكتەپ بويىچە «ياش مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»، «ئەلا يېتەكچى» بولۇپ باھالاندى. 

ئەلۋەتتە ئۇ بۇ جەرياندا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى، ئۇ شۇ چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئالىي مەكتەپ يۇقىرى ساپالىق زىيالىلارنى تەربىيەلەپ چىقىدىغان بىلىم ماكانى، مەرىپەت بۇلىقى! دەۋر تەلەپ قىلغان يۇقىرى سۈپەتلىك كىشىلەرنى تەربىيەلەپ-يېتىشىتۈرۈپ چىقىىش بىزنىڭ بۇرچىمىز! مۇشۇنداق يۈكسەك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت زىممىمىزگە يۈكلەنگەنىدى، شۇ سەۋەبتىن ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن چاغلاردا بىر ئاز تەمتىرىدىم، تىل، ھەم تۇرمۇش جەھەتلەردە بىر قىسىم قىينچىلىقلارغا ئۇچرىدىم، مۇشۇ چاغدا باشلىقىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە تەييۈەندە تونۇشقان دوستلىرىم يېقىندىن كۆپ ياردەملەرنى بەردى ۋە غەمخورلۇق قىلدى، باشلىقلىرىمنىڭ توغرا يول كۆرسىتىپ يېتەكلىشى نەتىجىسىدە تېزلا خىزمەتكە كىرىشپ كەتتىم ۋە ئىجتىھات بىلەن ئىشلىدىم. ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئۇلاردا جۇڭخۇ مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىلغار ئىدىيە ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلدىم. ئۇلارغا تۇرمۇش، ئوقۇش، ئۆگىنىشتىكى تۈرلۈك مەسىلىلىرىنى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشى ئاستىدا ئەتراپلىق ھەم ئوڭۇشلۇق ھەل قىلدىم. بەزىدە ئۆزۈم بىلمىگەن نۇقتىلارنى رەھبەرلەردىن، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچلاردىن سورىدىم، ئۇلارنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىگە، سەمىمىي ياردىمىگە ئېرىشىتىم. مۇشۇ جەرياندا خىزمەتداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم بارغانسېرى قويۇقلىشىپ، ئارىمىزدىكى دوستلۇق رىشتىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئۇلار بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئىناق–ئىجىل بولۇپ كەتتىم. ئۇلارغا ئۇچرىغىنىم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىم دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ئاچام پېڭ يىڭنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. پېڭ ئاچام تەييۈەندىكى قەدىردان تۇغقانلىرىمنىڭ بىرى، ئۇ ئاجايىپ ئېسىل بىر ئايال، ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، بىزنىڭ كىشىلىك ئالاقىمىزدە ھېچقانداق توسالغۇ يوق، تۇغقاندارچىلىقىمىزدا شۇنداق تەبىئىي ساپ مېھىر-مۇھەببەت بار. 

 

پىڭ ئاچام 2018-يىلى يازدا شىنجاڭدىكى ئۆيۈمدە.

مەن ئاچامنى تولىمۇ ھۆرمەت قىلىمەن، ئارىمىزىدا مىللەت ئايرىيدىغان ئىش يوق، ھەممىمىز ئوخشاش ئىنسان، بىز ئائىلە بويىچە باردى–كەلدى قىلىمىز، مەن، ئايالىم، بالام پېڭ ئاچامنىڭ دائىملىق مېھمىنى، پېڭ ئاچام ئائىلىسىدىكىلەر مېنىڭمۇ ئەزىز مېھمىنىم. بىز بىر-بىرىمىزنى ئىنتايىن ئىززەتلەيمىز!

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ھەر مىللەت كىشىلىرى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن، ھازىرغىچە ھەر مىللەتتىن نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم، تۇغقانلىرىم بار بولدى، مەن ئۇلارنى ناھايىتى قەدىرلەيمەن.

ئىجىللىق بەختتۇر، ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق بولغاندا گۈللىنىش بولىدۇ، ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي ھەم جان تومۇرى، ئەڭ مۇھىمى-ئىناقلىق ئىنسانىيلىقتۇر!

ئىككىنچى يۇرتۇم سەنشىنىڭ تەييۈەن شەھىرى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بويىدىكى بىر ئېسىل قەدىمى يۇرت بولۇپ، ئەجدىھا شەھىرى دېگەن مەشھۇر نامى بار، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى مۇشۇ يەردە، بۇ يەردىن تارىختا ئىلغار مەدەنىيەت تارقالغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى رەڭدارلىقى، موللىقى، سىغدۇرۇشچانلىقى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدە تەڭداشسىز ئورۇندا تۇرىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئەزەلدىن ئىجىل-ئىناقلىق روھىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مەن ئوقۇش-تەتقىقات سەپىرىمدە پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ بىر بالداق چۈشەندىم ۋە ئۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مەدەنىيتىمىزنى، جۇڭگو ھېكايىلىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىغا يەتكۈزۈش يولىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تىرىشىمەن، ھەر مىللەت ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىناقلىق–ئىتتىپاقلىققا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن!».

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىناقلىق ۋە مەرىپەت نۇرى چېچىۋاتقان يىگىت

ئىناقلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلاردىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈيلەش ئاقىلانىلىك، ئۇ دۇنياۋى تېما، مەڭگۈلۈك مېلودىيە!