ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاڭ جيەنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-09-16 08:54

 

2021-يىلى 14-سېنتەبىر، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جيەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار جاڭ جيەنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، ھەمدە 5 مىليون يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويدى. جاڭ جيەننىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مېلى ۋە ئۇنىڭ ھاسىلاتى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. جاڭ جيەن سوتتا ھۆكۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراپ چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلىنىشىچە، 1995-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، جاۋابكار جاڭ جيەن خۇبېي ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشلىقى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، نازىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن مەزگىلدە ۋەزىپىسىدىكى قولايلىق ھەمدە خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولاي شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلار قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش، كادىر يۆتكەش، دېلوغا قاراپ چىقىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆز نەپسىگە چوغ تارتقان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈكنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 71 مىليون 790 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 24 مىليون 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تېخى قولىغا ئالمىغان، بۇ ئەمەلگە ئاشمىغان جىنايەتكە ياتىدۇ.

شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: جاۋابكار جاڭ جيەننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. جاڭ جيەننىڭ باشقىلارنىڭ قىسمەن مال-مۈلكىنى قوبۇل قىلىش جىنايىتى ئەمەلگە ئاشمىغان، دېلودىن كېيىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن كۆپ قىسىم پارا ئالغان جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان، جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغان، قانۇنسىز مالنى ئاكتىپلىق بىلەن قايتۇرغان، دېلوغا چېتىشلىق قانۇنسىز پۇل-مالنىڭ كۆپ قىسمى قايتۇرۇۋېلىندى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بېرىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ. شۇڭا سوت بۇ ھۆكۈمنى چىقاردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاڭ جيەنگە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2021-يىلى 14-سېنتەبىر، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئەنخۇي ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى جاڭ جيەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ،