شىنجاڭنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: 17-ئۆكتەبىر سائەت 0دىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى ۋە ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى بايقالمىدى.
ئىلگىرى بايقالغان 2 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىغا قارىتىلغان ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.
17-ئۆكتەبىر سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا بار ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچى 1 بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا دوكلات قىلىنغان.