ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئېلان سەۋەبلىك سونى شىركىتى بىر مىليون يۈەن جەرىمانە تۆلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-10-27 17:13

 

 

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سونى (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى ئېلان قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 1 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلغان، جازا بېرىلگەن ۋاقىت 12-ئۆكتەبىر ئىكەن.

قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئاساسلىق پاكىت تۆۋەندىكىچە:

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئالاقىدار تەرەپ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن، 2021-يىلى 28-ئىيۇن شاڭخەي چۈەنسەي ئېلان چەكلىك شىركىتىگە «سونىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سەرخىل، تەسىرلىك خاتىرىسى، يېڭى مەھسۇلاتى 2021.07.22:00» قاتارلىق بايانلار بار بولغان ئالاقە تورى ئېلانى لايىھەلەپ بېرىش ۋە ئىشلەپ بېرىشنى ھاۋالە قىلغان. ئالاقىدار تەرەپ چۈەنسەي شىركىتىنى يېزىق، رەسىم قاتارلىق ئېلان ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. 30-ئىيۇن سائەت 22دە، ئالاقىدار تەرەپ قانۇنلۇق ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقە تورى ۋاسىتىسى ئارقىلىق دېلوغا چېتىشلىق ئېلاننى ئۆز ئالدىغا ئېلان قىلغان، ھەم 1-ئىيۇل سائەت 9 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە دېلوغا چېتىشلىق ئېلاننى يۇيۇۋەتكەن.

ئالاقىدار تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» (2018) نىڭ 9-ماددا 1-تارماق (4) تارماقچىسىغا خىلاپلىق قىلغاچقا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» (2018) نىڭ 57-ماددا 1-تارماق (1) تارماقچىسىغا ئاساسەن، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار تەرەپكە 1 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» (2018) نىڭ 9-ماددا 1-تارماق (4) تارماقچىسىدا: ئېلاندا دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ياكى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە، دۆلەت مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» (2018) نىڭ 57-ماددا 1-تارماق (1) تارماقچىسىدا: مۇشۇ قانۇننىڭ 9-، 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەنئى قىلىنىدىغان ئەھۋاللار بولغان ئېلان بېرىلسە، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئېلان بېرىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئېلان بەرگۈچىگە 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، ئېلان تەكشۈرۈش ئورگىنى ئېلان تەكشۈرۈش تەستىق ھۆججىتىنى بىكار قىلىدۇ، ئېلان تەكشۈرۈش ئىلتىماسىنى بىر يىلغىچە قوبۇل قىلمايدۇ، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان تارقاتقۇچىنىڭ ئېلان خىراجىتىنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، 200 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، تىجارەت كىنىشكىسىنى، ئېلان بېرىش تىزىملاش كىنىشكىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

بۇ يىل 30-ئىيۇن جۇڭگودىكى سونى شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتنى 7-ئىيۇل كەچ سائەت 10 دا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ دەل 1937-يىلىدىكى «7-ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى بولۇپ، بۇ تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى. كېيىن، جۇڭگودىكى سونى شىركىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مىكرو بىلوگ ۋە ئۈندىدار سالونىدىكى يازمىلارنى ئۆچۈرۈۋەتتى. 1-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگودىكى سونى شىركىتى بۇ ئىشقا قارىتا مىكرو بىلوگىدا كەچۈرۈم سوراپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەتراپلىق بولمىغانلىقتىن، ۋاقىت تاللاش جەھەتتە كۆپچىلىككە خاتا چۈشەنچە ۋە باش قېتىنچىلىقى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئېلان سەۋەبلىك سونى شىركىتى بىر مىليون يۈەن جەرىمانە تۆلىدى

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سونى