ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خۇڭ چياۋغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ساقلاپ قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-22 09:49

20-سېنتەبىر، يۈننەن سوت مەھكىمىسى تورىدا «يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ قاتارلىقلارنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىغا 2-سوتتا چىقارغان ئاشكارا ھۆكۈمى»نى ئېلان قىلدى، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ قاتارلىقلارنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

2022-يىل 20-سېنتەبىر، يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ، جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭلارنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى ۋە نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ، ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار چى ۋېنچياڭنىڭ ئوغرىلىق دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ھۆكۈمدە نارازىلىق ئەرزى رەت قىلىنىپ، 1-سوتتىكى ئەسلىي ھۆكۈم كۈچكە ئىگە قىلىندى.

2022-يىل 7-ئىيۇل، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ دېلوغا 1-سوت ھۆكۈمى چىقارغانىدى. ھۆكۈمدە جاۋابكار خۇڭ چياۋغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش، ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ھەمدە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىندى. ئاخىرىدا بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش ھەمدە 10 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىندى؛ جاۋابكار جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭلارغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىش قارار قىلىندى؛ جاۋابكار چى ۋېنچياڭغا ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بېرىش ھەمدە سەككىز مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇش قارار قىلىندى. قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسىدىكى دەۋاگەر لى شېڭ، چېن شۇپىڭنىڭ دەۋادىن كېچىشىگە رۇخسەت قىلىندى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خۇڭ چياۋ، جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭ قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇندى. يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 20-ئىيۇل بۇ دېلونى قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۇپ، 26-ئاۋغۇست ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: 2020-يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا، نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ قىز دوستى لى X يۆ (زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، قازا قىلغان يىلى 21 ياشتا) بىلەن مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا زىددىيەت يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭنى لى X يۆنى ئۆلتۈرۈشكە تەكلىپ قىلغان ھەمدە دېلو سادىر قىلىش پىلانىنى تۈزگەن. خۇڭ چياۋ دېلو سادىر قىلىشتىن ئاۋۋال لى  Xيۆنى ئالداپ 9-ئىيۇلنىڭ ئايروپىلان بېلىتىنى ئالغۇزۇپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جىڭخۇڭ شەھىرىگە ئاپارغان. ئۇ يەنە جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭغا پۇل ۋە قىسمەن دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى بېرىپ ئۇلارغا ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلىنى مەشىق قىلدۇرغان ھەمدە دېلو سادىر قىلىش تەپسىلاتىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى قويغان، ئاندىن جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭنى نەنجىڭ شەھىرىدىن ئايروپىلان بىلەن مۇددەتتىن بۇرۇن جىڭخۇڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن دېلو سادىر بولغان جاي مېڭخەي ناھىيەسىنىڭ پۇئېر چېيى باغچىسىغا بېرىشنى، ئالدىن گۈرجەك سېتىۋېلىپ ئورەك كولاپ قويۇشنى بۇيرۇغان. شۇ كۈنى سائەت 21 دە، لى X يۆ دېلو سادىر بولغان جايغا ئالداپ ئاپىرىلغان، ساۋ زېچىڭ، جاڭ چېنگۇاڭ لى X يۆنى ئۆلتۈرۈپ شۇ يەرگە كۆمۈۋەتكەن.

نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ 2019-يىلى 5-ئايدا، ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار چى ۋېنچياڭنى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ مەلۇم ئىستىراھەت رايونىدىكى بىر دانە تاق كۆزلۈك كېچە مەنزىرىسىنى كۆرۈش ئەسۋابى (قىممىتى 18 مىڭ يۈەن) نى ئوغرىلاشقا بۇيرۇغان.

يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ، جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭ قەستەن قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلغان، بۇ ئۈچەيلەننىڭ قىلمىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. خۇڭ چياۋ ۋە ئەسلىي سوتتىكى جاۋابكار چى ۋېنچياڭ قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە باشقىلارنىڭ قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى مال-مۈلكىنى ئوغرىلىغان، ئىككىسىنىڭ قىلمىشى ئوغرىلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. خۇڭ چياۋ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، ئوغرىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، بىر نەچچە خىل جازا قوشۇپ بېرىلىشى كېرەك. بىرلىشىپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، خۇڭ چياۋ جىنايەت سادىر قىلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە قوماندانلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان ھەمدە قاتىللارنى مۇناسىپ پۇل ۋە قىسمەن دېلو سادىر قىلىش قوراللىرى بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى لى X يۆنى دېلو يۈز بەرگەن جايغا ئالداپ ئاپارغان ھەمدە قاتىللارغا لى X يۆنىڭ يول ئۇچۇرىنى يوللاپ بەرگەن، شۇڭا جىنايى جاۋابكارلىقى ئەڭ گەۋدىلىك؛ جاڭ چېنگۇاڭ ۋە ساۋ زېچىڭ خۇڭ جياۋ بىلەن ئورتاق پىلان تۈزۈپ، كونكرېت ئادەم ئۆلتۈرۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، لى X يۆنى بىرلىكتە ئۆلتۈرگەن، بۇلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى ئوخشاش بولۇپ، ئۈچ كىشى باش جىنايەتچى ھېسابلىنىدۇ. خۇڭ چياۋ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئېتىبارسىز قارىغان، دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسى قەبىھ، جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى ئىنتايىن زور، جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، شۇنداق تۇرۇقلۇق باشقىلارنى لى X يۆنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، قىلچە پۇشايمان قىلىش نىيىتىدە بولمىغان، شۇڭا قانۇن بويىچە جازالىنىشى كېرەك. جاڭ چېنگۇاڭ، ساۋ زېچىڭنىڭ بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن جىنايەتتىكى جىنايى جاۋابكارلىقى خۇڭ چياۋدىن كىچىكرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقرار قىلىش ھەرىكىتى بار بولۇپ، ئىككىيلەن ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بېرىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 1-سوتنىڭ ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات راست، تولۇق، جىنايەت بېكىتىش توغرا، جازا ئۆلچەش مۇۋاپىق. سوت تەرتىپى قانۇنلۇق. شۇڭا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كېسىم چىقىرىلدى.

يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت قىلغان مەزگىلدە، دەۋا ئىشتىراكچىلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى. دەۋالاشقۇچىلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى سوتتا قاراپ چىقىش، ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خۇڭ چياۋغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ساقلاپ قىلىندى

20-سېنتەبىر، يۈننەن سوت مەھكىمىسى تورىدا «يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى خۇڭ چياۋ قاتارلىقلارنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىغا 2-سوتتا چىقارغان ئاشكارا ھۆكۈمى»نى ئېلان قىلدى،