شاڭخەي يۇقۇمغا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى تەڭشىدى
■رېلىسلىق قاتناش، يەر يۈزى ئاممىۋى قاتنىشى، پاراخوت قاتارلىق شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا، نۇكلېئىك كىسلاتاسىنىڭ مەنپىيلىك ئىسپاتى قايتا تەكشۈرۈلمەيدۇ.
■پۈتۈن شەھەردىكى باغچا، مەنزىرە رايونى قاتارلىق سىرتتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا نۇكلېئىك كىسلاتاسىنىڭ مەنپىيلىك ئىسپاتى قايتا تەكشۈرۈلمەيدۇ.
يۇقىرىقى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش تەدبىرلىرى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، شاڭخەي دۆلەتنىڭ سىياسىتى ۋە يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئەلالاشتۇرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.