چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ خىل قىلمىش قاتتىق تەكشۈرۈلدى!
جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىغا ئاساسەن، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالى، ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەش قىلمىشىنى قاتتىق تەكشۈرگەن. چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى كۈنىگە 180مىڭ ئادەم قېتىم ساقچى، 60مىڭ قېتىم ساقچى ئاپتوموبىلى ئاجراتقان. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشتىن 25 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.