ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياۋروپادىكى 7 دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:23

تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ جاي ۋاقتى 2-فېۋرال ئامېرىكا، گوللاندىيە، شىۋېيتسارىيە، شىۋېتسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە ۋەكىللىرىنى چاقىرتىپ، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ يېقىندا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقىغانلىقى ياكى تۈركىيەدە ساياھەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەڭلا دېگۈدەك قوللانغان ھەرىكىتى ئانچە ئېھتىياتچان ۋە مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت تېررورىزمغا ياردەم بەرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت: تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسى

 

يېقىندا بەزى غەرب دۆلەتلىرى بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈچىيىۋاتىدۇ دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىنى ۋاقتىنچە تاقىدى ھەمدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى. ھازىر ئاز دېگەندە ياۋروپادىكى يەتتە دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى. ئامېرىكىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى.

 

ئىلگىرىكى خەۋەرلەر

 

بىرقانچە دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى ۋاقتىنچە تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: بۇ غەرب سۇيىقەستىنىڭ بىر قىسمى

 

شۇ يەر ۋاقتى 2-فېۋرال، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۆيئولۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى ھەمدە ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقاردى، بۇ تۈركىيەگە پىسخىكا ئۇرۇشى قوزغىغانلىق، ئۇلارنىڭ مەقسىتى تۈركىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت، بۇ غەرب سۇيىقەستىنىڭ بىر قىسمى.

گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ۋە غەربنى نىشانلىغان بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈچەيگەنلىكتىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقتىنچە تاقىدۇق.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىپ، پۇقرالىرىنى ھوشيارلىقنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باشقا دۆلەتلەر تەمىنلىگەن بىخەتەرلىك ئاخباراتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىر قاتار ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ گۇماندارلارنى تۇتتى ھەمدە خەۋپسىزلىك بويىچە ئاختۇرۇش ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە تۈركىيە بىر قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيەدە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرماقچى بولغانلىقى توغرىسىدىكى ئاخباراتلارنى باھالاۋاتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياۋروپادىكى 7 دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى تاقىدى

گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ۋە غەربنى نىشانلىغان بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتى كۈچەيگەنلىكتىن دۆلىتىمىزنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنى بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ۋاقتىنچە تاقىدۇق.