ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياپونىيە«كىت گۆشىنى ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسى» ئورناتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:26

ياپونىيە كىت تۇتۇش، كىت گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتا يەنە يېڭى نەيرەڭنى ئىشقا سالدى! يېقىندا، ياپونىيەدىكى بىر شىركەت يوكوخاما كوچىلىرىغا كىت گۆشىنى ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى، بۇ ئۈسكۈنىدە كىت گۆشى كونسېرۋاسى، كىت تېرىسى قاتارلىق تاۋارلار سېتىلىدىكەن. 

بۇ شىركەت مۇنداق دېدى: ئۈسكۈنىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى بەش يىلدا ياپونىيەدە يەنە 100 دىن ئارتۇق ئۈسكۈنە ئورنىتىمىز. 

سانسىزلىغان تورداشلار بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەندى! تۆۋەندىكى سىننى چېكىپ ياپونىيەنىڭ رەھىمسىزلەرچە كىت تۇتۇش قىلمىشىغا يوشۇرۇنغان ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرۈڭ. 

 «تىرىكچىلىك قىلىش»تىن «غايەت زور پايدا ئېلىش»قىچە، ياپونىيە كىت تۇتۇشنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇردى 

  1986-يىلىلا، خەلقئارا كىت تۇتۇشنى چەكلەش كومىتېتى «كىت تۇتۇشنى دۇنيا بويىچە مەنئى قىلىش ئەھدىنامىسى»نى ماقۇللىدى. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى، ياپونىيە بۇ تەشكىلاتتىن رەسمىي چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، تەشكىلاتتىن چېكىنگەن كۈننىڭ ئەتىسى، ياپونىيەدە سودا خاراكتېرلىك كىت تۇتۇش رەسمىي قايتا باشلاندى. 

 ياپونىيە پۈتۈن دۇنيانىڭ قارشىلىقىغا قارىماي كىت تۇتۇشنى جاھىللىق بىلەن داۋاملاشتۇردى، دەسلەپتە بۇنى ھەقىقەتەن تىرىكچىلىك يولىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلغان بولسا، كېيىن كىت مېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىت بۇيۇملىرىدىن كېلىدىغان غايەت زور پايدىنى كۆزلەپ ئىزچىل داۋاملاشتۇردى.

ياپونىيەدە كىت تۇتۇش يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا باشلانغان بولۇپ، ئەينى چاغدا دېڭىز قاتنىشى تېخنىكىسى، كىت تۇتۇش قوراللىرى بىر قەدەر قالاق بولغاچقا، كىتلارنىڭ تۈر توپىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەنىدى. 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، پار كېمىسى، ئارا مىلتىق كەشىپ قىلىنغاندىن كېيىن بېلىقچىلارنىڭ كىت تۇتۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتى. شۇنىڭ بىلەن، ياپونىيە نىشانىنى جۇغى تېخىمۇ چوڭ، پايدىسى تېخىمۇ كۆپ كۆك كىتقا قاراتتى. 

كىت تۇتۇشقا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتى ئاشكارىلىغان ياپونىيە كىت تۇتۇش پاراخوتى. 

 ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۆلتۈرۈش سەۋەبىدىن كۆك كىتنىڭ سانى ئازلاپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىشانىنى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر− بۇرۇتلۇق كىچىك كىتقا قاراتتى

 ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۆلتۈرۈش سەۋەبىدىن، كۆك كىتنىڭ سانى ئازىيىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە بىر قىسىم سەل كىچىك ئۇزۇن بۇرۇتلۇق كىت ۋە سېي كىتلىرىنى تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىمۇ تۇتالمىغاندا چاڭگىلىنى بۇرۇتلۇق كىچىك كىتقا سوزدى. يېتىلگەن بۇرۇتلۇق كىچىك كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 9 مېتىر، ئېغىرلىقى ئون نەچچە توننا بولۇپ، كىتلار ئىچىدە بىر قەدەر كىچىكى ھېسابلىنىدۇ. 

ھازىر ياپونىيە بېلىقچىلىرى ئاساسلىقى بۇرۇتلۇق كىچىك كىتنى تۇتماقتا، ئۇلار ھەتتا كېمىلىرىنى ھەيدەپ جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بېرىپ، يىراق ئوكياندا جەنۇبىي قۇتۇپ كىچىك بۇرۇتلۇق كىتىنى تۇتماقتا. 2021-يىلى، دۇنيا تەبىئىيلىكنى قوغداش ئىتتىپاقى جەنۇبىي قۇتۇپ كىچىك بۇرۇتلۇق كىتىنى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. 

جەنۇبىي قۇتۇپ يېرىم ئارىلىدىكى بۇرۇتلۇق كىچىك كىت.

 كىتلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىشى دېڭىز-ئوكياندىكى تۈرلەرنىڭ كۆپ خىللىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، دۆلىتىمىز كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كىتلارنى قوغدىدى

 كىتلارنىڭ دېڭىز ئاستىدىكى ئاددىي ھەرىكىتى دېڭىز ئاستىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يۇقىرىغا لەيلىتىپ، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. كىتلارنىڭ چىقىرىندىلىرىمۇ دېڭىز -ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ ئوزۇقلۇقى بولۇپ، ھەتتا كىتلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ دېڭىز-ئوكيان ئۈچۈن خەزىنە ھېسابلىنىدۇ. كىتلارنىڭ جەسىتى سانسىزلىغان دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرىنى يېمەكلىك ۋە ماكان بىلەن تەمىنلەيدۇ. 

كىتلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازىيىپ كەتكەنلىكتىن، دېڭىز - ئوكياندىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى تەھدىتكە ئۇچرىدى. كىتلارنى قوغداش ئۈچۈن، ئېلىمىزدە كىتلارنى قوغداش مەقسەت قىلىنغان 20 دىن ئارتۇق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى تەدبىرلەر قوللىنىلدى:

◆  2018-يىلى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى قوغداش نىزامىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئارالدىن ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دائىرىدە بېلىق تۇتۇش مەنئى قىلىنىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلىدى؛ 

◆ شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىنى ياسىغاندا، 500 مېتىر ئارىلىقتا ئاق دېلفىن بايقالسا، قۇرۇلۇشنى دەرھال توختاتتى؛ 5-، 6-ئايلاردىكى ئاق دېلفىننىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولغاچقا بارلىق شاۋقۇن پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتلارنى توختاتتى. 

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە، ئىككى ئاق دېلفىن تۇيۇقسىز تەڭلا سۇ يۈزىگە چىقتى. 

ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياپونىيەدىمۇ كىت يېيىشكە قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن ئامما ھەرىكەتكەن كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى زەنجىرسىمان ماگىزىن ياكى ئاشخانىلار كىت گۆشى ساتمايدىغان بولدى، كىت گۆشى ساتىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك تاللا بازارلىرىنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى. لېكىن، كوچىلارغا بىۋاسىتە سېتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى كىت تۇتۇشنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ياپونىيە«كىت گۆشىنى ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسى» ئورناتتى

ياپونىيە كىت تۇتۇش، كىت گۆشىنى ئىستېمال قىلىشتا يەنە يېڭى نەيرەڭنى ئىشقا سالدى! يېقىندا، ياپونىيەدىكى بىر شىركەت يوكوخاما كوچىلىرىغا كىت گۆشىنى ئاپتوماتىك سېتىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى، بۇ ئۈسكۈنىدە كىت گۆشى كونسېرۋاسى، كىت تېرىسى قاتارلىق تاۋارلار سېتىلىدىكەن.