ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كىملىك، پىراۋا بېجىرىشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 09:27

ج خ ئورگانلىرىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىملىك، پىراۋا قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن كىنىشكىلىرىنى نورمال ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىشقا دائىر ئالتە تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ.

پىراۋا ئالماشتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەتەنگە قايتىپ (چېگرادىن كىرىپ) پىراۋا مۇددىتى توشقاندا ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش، سالامەتلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇش كەسپىنى بېجىرىشكە ئامالسىز قالسا، دۆلەت (چېگرا) ئىچىدىكى خادىملارغا ھاۋالە قىلىش ھەمدە سالاھىيەت ئىسپاتى، ھاۋالەنامىسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېجىرىش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شۇ كىشىنىڭ ۋەتەنگە قايتىشى (چېگرادىن كىرىشى) ھاجەتسىز. سالاھىيەت ئىسپاتى، ھاۋالەنامىسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشقا ئىمكان بولمىسا، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى بېسىپ چىقىرىلغان سۈرەت نۇسخىسىغا ئاساسەن مۇددەتنى ئۇزارتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پىراۋا ئالماشتۇرۇش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋەتەنگە قايتالماي (چېگرادىن كىرىشكە ئامال بولماي) پىراۋىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئالماشتۇرالمىسا ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلمىسە ، ۋەتەنگە قايتىپ (چېگرادىن كىرىپ) ئالتە ئاي ئىچىدە رەسمىيەتنى تولۇقلاپ بېجىرىش ئارقىلىق ھەيدەش سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرسە بولىدۇ.

چېگرا سىرتىدا ئالغان پىراۋىنى جۇڭگو پىراۋىسىغا ئالماشتۇرۇش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن (چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن) چېگرا سىرتىدا ئالغان پىراۋىسىنى جۇڭگو پىراۋىسىغا ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكچى بولسا، چېگرا سىرتىدا ئالغان پىراۋىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ ئالتە ئايدىن ئاشمىغان بولسا، جۇڭگو پىراۋىسىغا ئالماشتۇرۇشنى نورمال ئىلتىماس قىلالايدۇ.

كىملىكنى ۋاكالىتەن بېجىرىشنى ھاۋالە قىلىش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن كىملىكنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرەلمىسە، دۆلەت ئىچىدىكى يېقىن تۇغقانلىرىغا ئۆزىنىڭ دائىملىق نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا ياكى نوپۇس باشقۇرۇش-كىملىك بېجىرىش زالىغا بېرىپ كىملىك ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسىنى ۋاكالىتەن سۇنۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى تەكشۈرگەن ۋە ئىسپات ماتېرىياللىرىنى توردا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماسنى قوبۇل قىلىدۇ، تەستىقلايدۇ، كىملىكنى تەييارلايدۇ ۋە تارقىتىپ بېرىدۇ.

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن يېقىن ئەتراپتا كىملىك ئالماشتۇرۇش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبىدىن كىملىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندا ئالماشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرەلمىسە، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن (چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن) پۈتۈن مەملىكەتتىكى خالىغان بىر نوپۇس بېجىرىش كۆزنىكىگە بېرىپ كىملىك ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.

چېگرادىن كىرىش-چىقىش كەسپى ۋە باشقۇرۇش سىياسىتىنى سۈرۈشتۈرۈش. چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ئەگەر ئۆزىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش گۇۋاھنامىسى، چېگرادىن كىرىش-چىقىش خاتىرىسى قاتارلىقلارغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسا، دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرسە ۋە توردىن چۈشۈرسە بولىدۇ؛ ئەگەر دۆلىتىمىزنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇشقا دائىر سىياسەتلىرىنى بىلمەكچى بولسا، دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 24 سائەتلىك مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 12367 گە تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

كىملىك، پىراۋا بېجىرىشكە دائىر يېڭى بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى

ج خ ئورگانلىرىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىپ كارخانىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىملىك، پىراۋا قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ،