ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-05 10:52

جايلار مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، كىشىلەر پانۇس سەيلىسى قىلىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئىناق، خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

گۇاڭجۇدا، كىشىلەر پاراخوتقا ئولتۇرۇپ جۇجياڭ دەرياسىنى سەيلە قىلىپ، قىزىقارلىق ئويۇن، تىلەك تىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى. گەنسۇنىڭ لەنجۇدىكى يەنبىن مەھەللىسىدە، كۆپچىلىك تېپىشماق تېپىپ، تاڭيۈەن تۈگدى، ئاھالىلەر تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆردى. جياڭسۇنىڭ فۇنىڭدا، «چاغاننى قۇتلۇقلاش، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش» تېمىسىدىكى غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى پائالىيىتى قىزىپ كەتتى. گۈيجۇنىڭ دەنجەيدە، كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر مياۋزۇچە كىيىملەرنى كىيىپ، شادىيانە بىر يەرگە جەم بولۇپ، تاڭيۈەن تۈگۈپ يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

تۈرلۈك رەڭدار پانۇسلار كىشىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى ئەكس ئەتتۈردى. شەندۇڭنىڭ لىنچىڭ قانىلى بويىدا، كۆپچىلىك پانۇس سەيلىسى قىلىپ، باغچىلارنى ئايلاندى. سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىنىڭ قەدىمىي ناھىيە بازىرىدا، رەڭگارەڭ ساليۇتلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈپ، رەڭدار پانۇسلار بىلەن قوشۇلۇپ، كېچە ئاسمىنىنى ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزدى. خېنەننىڭ كەيفېڭدا، شاڭيۈەن پانۇس سەيلىسى قويۇق ئەنئەنىۋى تۈسكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېڭى مودا ئۇسلۇبىغا ئىگە بولدى. فۇجيەننىڭ شيامېندا، بايرام مەدەنىيىتى، بايراملىق ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئامىللار يۇغۇرۇلغان پانۇسلار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلدى. خېبېينىڭ چيۇشيەن ناھىيەسىدە، ھەر خىل شەكىلدىكى پانۇسلار چوڭ-كىچىك كوچىلارنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىپ پانۇس سەيلىسى قىلىپ، ئويۇن كۆرۈپ، بايرام شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. جېجياڭنىڭ دېچىڭدىكى ئەجدىھا پانۇس سەيلىسى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلاندى، قەدىمىي شەھەردە پانۇس سەيلىسى قىلىش، بەخت تىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەر شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ-ئادەت كاتتا مەرىكىسى جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى.

نىڭشيانىڭ يىنچۈەن، ئىچكى موڭغۇلنىڭ جۇڭغار خوشۇنىدا، كوچا ئويۇنى ناھايىتى قىزىپ كەتتى. سىچۈەننىڭ بېيچۈەندە، چياڭزۇلارنىڭ بىر مەيدان تەنتەربىيە ماھارەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، خادىغا يامىشىش، كالتەك تولغاش قاتارلىق ئۆزگىچە تۈرلەر ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. جياڭشىنىڭ لۇشىدا، 21 پانۇس ئەترىتى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، كوچىلارنى بويلاپ سەيلە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ-شۇ جاينىڭ مىڭ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان يۈەنشياۋ بايرىمى ئەنئەنىسى بولۇپ، ئېسىل ئويۇنلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شەنشىنىڭ لىنيۇدا، شۇ جايدىكى 7 يېزا-بازاردىكى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن 20 نەچچە كوچا ئويۇنى ئەترىتى سەييارە ئويۇن قويدى، يېقىن ئەتراپتىكى يۇرتداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ كوچا ئويۇنى ئويناپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى كۈتۈۋېلىپ، يېڭى بىر يىلنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جايلار مول، رەڭدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يۈەنشياۋ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، كىشىلەر پانۇس سەيلىسى قىلىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئىناق، خۇشال-خۇرام بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.