ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تازىلىق ئىشچىسى 400 مىڭ يۈەن تېپىۋېلىپ...

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-06-03 09:48

يېقىندا جېجياڭنىڭ ۋېنلىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىش نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى.

25-ماي، تازىلىق ئىشچىسى شۈ سۇشياڭ بىلەن يەن گۈيخۇا ئەخلەت يىغىشتۇرۇۋاتقاندا بىر سولياۋ خالتىنى ئۇچرىتىپ قالدى.

دەسلەپتە بۇ ئىككىيلەن بۇ سولياۋ خالتىنى ئەخلەت ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى، خالتىنى ئېچىپ قارىۋىدى، ئىچىدىن تۆت باغلام يۈز يۈەنلىك پۇل چىقتى، 100 مىڭ يۈەن بىر باغلام قىلىپ باغلانغان بۇ 400 مىڭ يۈەننىڭ ئۈستىگە مەلۇم بىر بانكىنىڭ تامغىسى بېسىلغانىدى.

شۇنچە كۆپ نەق پۇل ئالدىدا، بۇ ئىككى تازىلىق ئىشچىسى قىلچە ئىككىلەنمىدى، شۈ ھەدە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلدى.

بەزىلەر ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ نېمىشقا بۇ پۇللارنى ئۆزى ئېلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېيتقاندا، شۈ ھەدە: «باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالسام بولمايدۇ،»  دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ئىككىيلەن پۇل تېپىۋالغان جايدا كۆزىتىش كامېراسى بولمىغاچقا، بۇ پۇلنىڭ ئىگىسىنى ھازىرغىچە تاپقىلى بولمىدى. نۆۋەتتە ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىككى تازىلىق ئىشچىسىنىڭ ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدىغان ئېسىل خىسلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇلارنى «ئالىيجاناب، ئاق كۆڭۈل ۋە ھەققانىيەتچى» كىشىلەردىن ئىكەن دەپ ماختىدى.

ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، شۇنداقلا بىر ئادەمنىڭ ياخشى ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە يۈكسەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

شۇنچە كۆپ پۇل تېپىۋالغاندىمۇ قىلچە ئالا نىيەتتە بولمىغان بۇ ئىككىيلەننىڭ ھەرىكىتى ھەممىمىزنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ بۇ ئالىيجاناب خىسلىتى پۇلنىڭ ئەسلىدىكى قىممىتىدىن زور دەرىجە ھالقىپ كەتتى، شۇنداقلا بۇ بىزگە تازىلىقچى ھەدىلەرنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئالتۇندەك ساپ قەلبىنى نامايان قىلدى، بۇ تازىلىقچى ھەدىلەرگە ئالقىش ياڭرىتىمىز!

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تازىلىق ئىشچىسى 400 مىڭ يۈەن تېپىۋېلىپ...

يېقىندا جېجياڭنىڭ ۋېنلىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن مۇنداق بىر ئىش نۇرغۇن تورداشلارنى تەسىرلەندۈردى.