نېكسوننىڭ ‹ۋاتېرگېيت ۋەقەسى›دىكى ئىسپات سۆزى ئاشكارىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-03-29 15:20

  

1972-يىلدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىدا نىكسون سايلام رىقابىتى بەنزىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل جامىس مەكىد باشچىلىقىدىكى بەش كىشى، ئۆز رەقىبى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدىكى رىقابەت تاكتىكىسىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن، شۇ يىلى 17-ئىيون تۇرۇبا يولى ياسىغۇچىلارنىڭ قىياپىتىدە ياسىنىپ، ۋاشىنگىتوندىكى ۋاتېرگېيت سارىيىغا جايلاشقان دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىغا سۇقۇنۇپ كىرگەن. ئۇلار ئىشخانىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورنىتىپ، ھۆججەتلەرنى ئوغرىلىقچە سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا نەق مەيداندىلا قولغا چۈشكەن. بۇ قېتىملىق سەتچىلىككە بەك چوڭقۇر ئارىلىشىپ كەتكەن نېكسون 1974-يىلى 8-ئايدا مەجبۇرىي تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىستىپا بەرگەن تۇنجى پىرېزىدېنت بولۇپ قالغان.

ئاق سارايدىن ئايرىلىپ 10 ئايدىن كېيىن، يەنى 1975-يىلى 23-ئىيوندىن 24-ئىيونغىچە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى زاسېداتېللار ئۆمىكى كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى تۇرالغۇسى ئەتراپىدىكى مەلۇم جايدا ۋاتېرگېيت ۋەقەسى ھەققىدە نېكسوننى سوراق قىلغان. ھىيلىگەر زېرەك نېكسون ئىلگىرى بۇنداق 11 سائەت داۋاملاشقان، 297 بەتلىك مەخپىي گۇۋاھلىق سۆزىنى مەڭگۈ ئاشكارىلانمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ھالبۇكى 2011-يىلى 29-ئىيۇل ئامېرىكىدىكى يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى لويىس لەنبوس، سىتانلى كۇتىل قاتارلىق تارىخشۇناسلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئاخىرى بۇ ئىسپات سۆزى ئارخىپىنى ئېچىشقا بۇيرىغان.

2011-يىلى 10-نويابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئارخىپخانىسى بىلەن نېكسون پىرېزىدېنت كۇتۇپخانىسىنىڭ بۇ ئىسپات سۆزىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئامېرىكىدىكى تاراتقۇلار كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىشقا باشلىغان. ‹ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى› نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، نىكسون مەكىد قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىنى ‹ئەخمىقانىلىق، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدىكى قانۇنسىز تاجاۋۇزچىلىق› دەپ تەسۋىرلىگەن. مەلۇم بىر قېتىملىق سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلىغاندا ئۇ ئاچچىقلانغان ھالدا: ‹ سىلەر دەۋاتقان بۇ ئىسىملار يادىمدا يوق، ئەگەر سىلەر مېنى بۇ ئىشتا يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلىساڭلار، مەن رازى! › دەپ ۋارقىرىغان.

ئۇنىڭ سايلام رىقابىتى بەنزىسىدىكىلەرنىڭ رەقىبىنىڭ ئىشخانىسىدا ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغانلىقى توغرىلىق سۆز بولغاندا نىكسون زەھەرخەندىلىك بىلەن: ‹مەن زاسېداتىللار ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىزنى قاتتىق ئەدەپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ناھايىتى ئېنىقكى سىلەر ئىشتىن بۇرۇنلا مېنى خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن› دېگەن.

ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى ھالقىلىق 18 مىنۇتلۇق ئاۋاز يۇيۇلۇپ كەتكەن

ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ۋەقەسىدىن سىرت 1972-يىلدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىدا نېكسوننىڭ يەنە بىر سەتچىلىكى- ئامېرىكا دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنى ئۆزىنىڭ سايلام رىقابەتچىسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جورج مەگىۋىننى تەكشۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىدۇر.

 سوت داۋامىدا، تەپتىش ئەمەلدارى زاسېداتېللار ئۆمىكىدىكىلەرگە نېكسوننىڭ قول ئاستىدىكىلەر تۈزگەن دېموكراتلار پارتىيىسىدىكى ئىئانە توپلىغان كىشىلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە نېكسوننىڭ مۇشۇ ئىش توغرىلىق مالىيە مىنىستىرى جورج شۇرس بىلەن ئالاقىلاشقانلىق ئىسپاتىنى تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاق ساراينىڭ خاتىرە دەپتىرىدىكى ‹مەگىۋىننىڭ باج ماتېرىيالى› نىڭ مەزمۇنى قوشۇلۇپ، بارلىق ئىسپاتلار نىكسوننىڭ سايلام مەزگىلىدە ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رەقىبىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىك گۇمانىنى ئىسپاتلىغان.

ھالبۇكى نېكسون بولسا بۇنداق تەرىپلەشلەرنى تەبىئىيلا رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ پەقەت دېموكراتلار پارتىيەسىگە ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، بۇنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «مېنىڭ تەكىتلەيدىغىنىم، مەگىۋىن ئەپەندىنى تەكشۈرتكۈزگىنىم يادىمدا يوق، مېنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىم پەقەت مەگىۋىنگە ئىئانە قىلغانلارنى تەكشۈرۈشلا خالاس» دېگەن.

  شۇ مەزگىلدە ۋاتېرگېيت ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بابو خوتمەننىڭ ياردەمچىسى باتفېرىدمۇ نېكسوننىڭ 1971-يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئاقساراي ئىشخانىسىغا مەخپىي تىڭشىغۇچ ئورناتقۇزغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئالاھىدە كومىتېت نىكسوندىن نېكسوندىن ئالاقىدار ئۈنئالغۇ ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ بۇنىڭغا ھەمكارلاشمايلا قالماستىن يەنە 1973-يىلى 20-ئۆكتەبىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئالاھىدە كومىتېتنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى كاۋكىسنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان، بۇنىڭلىق بىلەن جىم تۇرغان ھەرە ئۇۋىسى چۇۋۇلۇپ، جامائەت پىكىرى نېكسوننى ئەيىبلەشكە ھەتتا ئۇنى گېتلىر بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

  تەنقىدلەش سادالىرىغا قارىتا نېكسون جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق كۆرسەتكەچ، يېقىنلىرىغا دەپ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى ئۆزىگە پايدىسىز مەزمۇنلارنى يوقاتقۇزغان. نەتىجىدە ئۇ تاپشۇرغان ئۈنئالغۇ لېنتىسىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك ئۈزۈپ ئۇلانغان قالايمىقان ھالەتتە بولغان. ئارىدىكى بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسى 1972-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاۋازغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەتتا 18 يېرىم مىنۇتلۇق قىسىمى قۇرۇق ئىدى. كىشىلەر بۇ دەل نىكسوننىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ۋاتېرگېيت ۋەقەسىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى مەسلىھەتلەشكەن ئۈنئالغۇ خاتىرىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان.

 نىكسوننىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېيتقان ئىسپات سۆزىدە، ‹كاتىپ لوس ۋۇز ‹ئېھتىياتسىزلىقتىن› ئاۋازنى يۇيىۋېتىپتۇ، بۇنى بىلگەن ۋاقتىمدا بەك ئاچچىقىم كەلدى› دەپ چۈشەندۈرگەن.

 دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، گەرچە ئۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى يۇيىۋېتىلگەن قىسىمدا نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم، دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ياردەمچىسى ئالىكساندىر ھېگىلنىڭ ‹مۆلچەرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپرەك مەزمۇننى بىر تەرەپ قىلىۋەتتۇق› دېگەن سۆزى ھېلىھەم نېكسوننىڭ يادىدا.

 تەپتىش ئەمەلدارىغا تەھدىت سېلىشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقىرىپ قويمىغان.

ئىسپات سۆزىدە نېكسون تەپتىش ئەمەلدارىنى ۋەزىپەڭدىن ئېلىپ تاشلىۋېتىمەن، دەپ قورقاق سالغان، ھەمدە ئۆزىگە ۋە رىقابەتچىلىرىگە ئوخشاش كۆزدە قارىمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ يەنە ‹ئەگەر ماڭا ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپ بېرىشكە توغرا كەلسە، مەن چوقۇم ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ سېنى ۋاشىنگتون تاراتقۇلىرىدا سېسىتىۋېتىمەن ھەمدە جورجى ئاھالىلەر تۇرالغۇسىدىكى ھاكىمىيەت سەركىلىرىگە ئاشكارىلىۋېتىمەن. ئەمما يەنە بىر نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بالىلىرىڭنى ئويلاپ قوي، ئۇلار تارىخ ئارقىلىق سېنى تەنقىدلەيدۇ› دېگەن.

ئۇندىن باشقا، زاسېداتېللار ئۆمىكى يەنە نېكسوننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە بەش نەپەر دىپلوماتىيە ساھەسىدىن بولمىغان ئەمەلدارنى تەيىنلىگەنلىك ئىشىنى سوراق قىلغان. بۇ بەشەيلەننىڭ ھەممىسى ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىئانە توپلىغانلار ئىدى. زاسېداتېللار ئۆمىكىدىكىلەر ئۇنى مەبلەغنى ئىشلىتىشكىمۇ ئارىلىشىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان.

نېكسون بۇنىڭغا قارىتا دېمىقىنى قېقىپ قويغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، سىياسىي دەسمايىچى پۇل ئىئانە قىلغۇچى بىلەن بىرلىكتە باش ئەلچىلىك ئورنىنى مۇزاكىرىلەشسە بولىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەلچى بولۇشىغا ۋەدە بېرەلمەيدىكەن. ئۇ ‹مەن ئىلگىرى باشقىلارغا باش ئەلچىلىك ئورنىنى ساتقىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن› دېگەن. ئۇ يەنە ‹ئىلگىرى بىر قىسىم دىپلوماتىيە ساھەسىدە بولمىغان ئەمەلدارلار ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان، مەسىلەن بۇنىڭ ئىچىدە تىرومىن تەيىنلىگەن ليۇكسېمبۇرگتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بور خەسىتانى كۆرسىتىش مۇمكىن. خەستا ھەرگىزمۇ فىگۇرىسى چىرايلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ليۇكسېمبۇرگقا ئەۋەتىلگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھەقىقەتەن تۆھپىسى بار› دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلىغان. 

 يۇقىرىقىلار پەقەت نېكسوننىڭ ئىسپات سۆزىدىكى بىر قىسىم مۇھىم نۇقتىلار. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ تارىختىن بويان تۇنجى قېتىم سابىق پىرېزىدېنتنىڭ سۆزىنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت مەزمۇنىدىلا ئەمەس، بەلكى بۇ زاسېداتېللار ئۆمىكىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئويۇنلارنى خۇپىيانە تىڭشايدىغان تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت.

 

تەرجىمان: شېرىنگۈل توختى