زامانىۋى مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 14:10

مەن مەدەنىيەتكە بېرىلگەن نەچچە يۈز خىل تەبىر ئىچىدە، ئەنگلىيە سولچىل مەدەنىيەت نەزەرىيەچىلىرى رايموند ۋىليامس (smailliW dnomyaR) ، سىتۇئارت خال (llaH trautS) قاتارلىقلار بەرگەن تەبىر ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ئۇلار ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش مەيدانىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەتكە تېخىمۇ كەڭ ھەم ئاممىۋىلىققا ئىگە تەبىر بەرگەن، يەنى مەدەنىيەت مۇئەييەن ئىجتىمائىي كىشىلەر توپىنىڭ ئۆزلىرى ئورتاق بەھرىمەن بولغان قىممەت قارىشى ئاساسىدا بەرپا قىلغان ۋە ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن ئومۇمىي تۇرمۇش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ يادروسى قىممەت قارىشىدۇر. بۇنىڭدىن بىز مۇنداق بىر يەكۈنگە ئىگە بولىمىز، يەنى زامانىۋى مەدەنىيەت مۇئەييەن كىشىلەر توپىنىڭ زامانىۋى قىممەت قارىشى ئاساسىدا بەرپا قىلغان زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇنداق تۇرمۇش شەكلىگە ھەر قانداق بىر مىللەت، سىنىپ، جىنس ۋە ياش قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئېھتىياجلىق. شۇڭا زامانىۋى مەدەنىيەت مىللەت، سىنىپ، جىنس، ياش پەرقى، رايون ۋە دىندىن ھالقىغان «ئورتاق مەدەنىيەت» تۈر.

زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى نېمە؟ بۇ ھەقتە تۈرلۈك كۆز قاراشلار بولسىمۇ، ئەمما ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى 2891 – يىلى مېكسىكىدا ئاچقان مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەدەنىيەت مەسىلىسى ھەققىدىكى بايان ئەڭ زامانىۋىلىققا ئىگىدۇر: «مەدەنىيەت بۈگۈنكى كۈندە بىر جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي ئاساسى، بىلىمى ۋە ھېسسىي تۇيغۇسىدىكى بارلىق روشەن ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ مۇجەسسەملىنىشىدۇر. ئۇ سەنئەت ۋە ئەدەبىياتتىن باشقا، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىنسانىي ھوقۇق، قىممەت سىستېمىسى، ئەنئەنە ۋە ئېتىقادنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».

بىز بۇنىڭدىن زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مول مەزمۇنى ۋە تەشەببۇس قىلغان ئاخىرقى نىشانىنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنى ئاساسلىقى: زامانىۋى بىلىم، زامانىۋى پەن – تېخنىكا، زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى، زامانىۋى تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە زامانىۋى ئىدىيە، زامانىۋى روھ، زامانىۋى ئېتىقاد، زامانىۋى دىنىي قاراش، زامانىۋى سەنئەتتۇر. ئۇلاردىن بىر خىل ئورتاق زامانىۋى قىممەت قارىشى شەكىللەنگەن. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋى كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يادرولۇق ۋە ئاخىرقى نىشان شىنجاڭلىقلارنى ھەقىقىي زامانىۋى كىشىلەر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر.