ب د ت باش كاتىپى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 14:28

«ب د ت نىزامنامىسى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باش كاتىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات ھەم يىغىن كۆرسەتكەن نامزاتقا ئاساسەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش بىل بولىدۇ ھەم ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىسە بولىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسەتكەن نامزات توققۇز ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتۈشى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر قارشى تۇرمىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش كاتىپنى سايلاش جەريانىدا رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

بان كىمون ئاسىيادىن 2–بولۇپ چىققان ب د ت باش كاتىپى، بېرمىلىق ۋۇ دەن 1961–يىلىدىن 1972– يىلىغىچە بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن. تارىختا ياۋروپالىقلار ب د ت غا كۆپرەك باش كاتىپ بولغان، ئۇلار نورۋېگىيەلىك راي، شۋېتسىيەلىك خاماشىرد ۋە ئاۋسترالىيەلىك ۋالدھېيىمدىن ئىبارەت. ئەگەر ب د ت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ۋاقىتلىق باش كاتىپ بولغان ئەنگلىيەلىك جېبمۇ باش كاتىپ ھېسابلانسا، ياۋروپالىقلاردىن بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەنلەر جەمئىي تۆت كىشى بولىدۇ. ئافرىقىدىن مىسىرلىق غالى بىلەن گانالىق ئاننان ب د ت غا باش كاتىپ بولغان، پېرۇلۇق فرېز دېكۇنلىيار بۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن تۇنجى لاتىن ئامېرىكىسىلىق ھېسابلىنىدۇ.

ئۆتكەن ب د ت باش كاتىپلىرىنىڭ تەرجىمىھالىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نوپۇزلۇق دىپلوماتلار، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز دۆلىتىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بولغان، پەقەت ئاننانلا ب د ت نىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتچىسىلىكىدىن تەدرىجىي ئۆسۈپ باش كاتىپلىق ئورنىغا چىققان. ۋاقتىنچە باش كاتىپ بولغان جېبدىن باشقا قالغان باش كاتىپلارنىڭ ھەممىسى كىچىك دۆلەتلەردىن چىققانلاردۇر. ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ۋە ئەمەلىيەتتىكى مىساللارغا ئاساسلانغاندا، باش كاتىپ «رايونلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ، ئۇلار جەزمەن ئابرۇيلۇق ۋە مول تەجرىبىلىك دىپلوماتلاردىن بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەردىن باش كاتىپلىققا نامزات كۆرسەتمەسلىك بەلگىلەنگەن.

تارىختا ب د ت غا تۇنجى قېتىم باش كاتىپ بولغان راي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن مەجبۇرىي ئىستېپا بەرگەن، غالىمۇ ئامېرىكىنىڭ قارشى تۇرۇشى تۈپەيلى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىيەلمىگەن. ئىلگىرىكى باش كاتىپلار ئىچىدە پەقەت غالىلا بىر نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن، قالغانلىرى ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ۋەزىپە ئۆتىگەن. ۋالدھېيىم 3 – قېتىم ۋەزىپە ئۆتەش ئۈستىدە ئىزدەنگەندە، جۇڭگو «ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپى» بويىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كۆسىتىلگەن نامزات بۇ ۋەزىپىنى ئۆتۈشى كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويغاچقا، ۋالدھېيىم سايلامدىن چېكىنىپ چىققان. ب د ت نىڭ بەلگىلىمىسىدە باش كاتىپنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش قېتىم سانىغا چەك قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەت جەريانىدا باش كاتىپلار ئادەتتە پەقەت ئىككى نۆۋەتتىنلا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلدى.