پىرېزىدېنت تۈزۈمى بىلەن پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ پەرقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 14:27

پىرېزىدېنت تۈزۈمى

پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.

ئىككىنچى، مەمۇرىي تارماقلارۋە قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل بۇلىدۇ. پارلامېنت ئەزالىرى قوشۇمچە مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە ئارلاشمايدۇ.ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ قوشۇمچە پارلامېنت ئەزاسى بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، سايلانغان پىرېزىدېنت ھۆكۈمەتنى تەشكىللەيدۇ، پىرېزىدېنت سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمى ئايرىم ئايرىم ئۆتكۈزىلىدۇ. پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيىسىنىڭ چوقۇم ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بۇلىشى ناتايىن.

تۆتىنچى، پارلامېنت پىرېزىدېنتغا ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە بولمايدۇ، پىرېزىدېنتنىڭمۇ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئامېرىكا ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەر.

پارلامېنت تۈزۈمى

پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئالاھىيدىلىكى – دۆلەت باشلىقى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسى ئايرىۋىتىلگەن بۇلىدۇ. دۆلەت باشلىقلىق ۋەزىپىسى كۆپىنچە سىمۋول خەرەكتىردىكى ۋەزىپىدە بۇلۇپ، ھەقىقىي مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت باشلىقى پارلامېنتتىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيە ياكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە بىرلەشمە پارتىيەدىن تاللىنىدۇ. ھوقۇقى پارلامېنتنىڭ قوللىشىدىن كىلىدۇ ھەم پارلامېنتتىكى پارتىيەلەرنىڭ ئورۇن ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە پارلامېنت ۋەزىر (باش مىنىستىر) گە ئىشەنمەي ئاۋاز بەرسە ۋەزىر (باش مىنىستىر) نى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشكە قىستىسا بۇلىدۇ. ۋەزىر (باش مىنىستىر) مۇ خالىغان ۋاقىتتا پارلامېنتنى تارقىتىۋەتسە بۇلىدۇ. ۋەكىللىك دۆلەتلەر: ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىقلار.

پىرېزىدېنت – پارلامېنت تۈزۈمى

پىرېزىدېنت تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىدىن باشقا بىر خىل پىرېزىدېنت تۈزۈمى ۋە پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى مۇجەسسەملەشنى نىشان قىلغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بۇلۇپ، ئۇ يېرىم پىرېزىدېنت تۈزۈلمىسى ياكى پىرېزىدېنت – پارلامېنت تۈزۈلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. يېرىم پىرېزىدېنت تۈزۈلمىسىدە پىرېزىدېنتنىڭ پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋىتىش ھوقۇقى بۇلىدۇ. ھەتتا دۆلەتتە جىددى ئەھۋال كۆرۈلگەندە پۇقرالارنى ئاۋاز بىرىشكە تەشكىللەپ ئالاھىيدە ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقىمۇ ھوقۇقلۇق. فرانسىيە، شىۋېتسارىيە، كورىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بۇ خىل ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى يولغا قۇيۇلغان.

خۇلاسە

پىرېزىدېنت تۈزۈمىدە ئۈچ ھوقۇق ئايرىۋىتىلگەن بۇلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور ئالاھىيدىلىكىدۇر. ھالبۇكى پارلامېنت تۈزۈمىدە ھوقۇق ئۇنچە ئېنىق ئايرىلمايدۇ. مەمۇرىي ئورگان قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.، ھۆكۈمەت پارلامېنتقا مەسئۇل بۇلىدۇ.