يادرو ۋەقەسىنىڭ دەرىجە ئۆلچىمى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 15:19

11- مارت ياپونىيەدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىدە، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما ناھىيەسى فۇكۇشىما ئارىلىدىكى 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىش ھادىسىسى يۈز بەردى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى يادرو ھادىسىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە 4-دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بېكىتتى. بۇ دەرىجە نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ يادرو بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەر قانداق دەرىجىگە ئايرىلىدۇ؟

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ «خەلقئارا يادرو ھادىسىسىنى دەرىجىگە ئايرىش جەدۋىلى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يادرو بىخەتەرلىكى ۋەقەسى جەمئىي يەتتە دەرىجىگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-دىن 3-دەرىجىگىچە بولغانلىرى ۋەقە دېيىلىدۇ، 4-دەرىجىدىن 7-دەرىجىگىچە بولغانلىرى ھادىسە دېيىلىدۇ.

ۋەقەلەرنى دەرىجىگە بۆلۈشتە، 1-دەرىجىلىك ۋەقە ئادەتتە نورمالسىزلىق، دەپ قارىلىدۇ؛ 2-دەرىجىدىكىسى ئادەتتىكى ۋەقە بولۇپ، سىرتقا تەسىر كۆرسەتمىگەن بولىدۇ، ئەمما يادرو ئەسلىھەلىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملار زىيادە رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ؛ 3-دەرىجىدىكىسى ئېغىر ۋەقەگە تەۋە بولۇپ، ئاز مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىدۇ، بۇنىڭ زىيان سېلىش دەرىجىسى بەلگىلەنگەن چەكتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما يادرو ئەسلىھەلىرى ئىچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارنىڭ سالامەتلىكى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ھادىسىلەرنى دەرىجىگە ئايرىشتا، 4-دەرىجىلىك ھادىسە يۈز بەرگەندە ئاز مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كىشىلەر بەلگىلىك چەك دائىرىسىدە رادىياتسىيە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يادرو رېئاكتورى ئاكتىپ رايونى ۋە رادىياتسىيە توسۇش قەۋىتى كۆرۈنەرلىك بۇزۇلىدۇ ھەم خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ؛ 5-دەرىجىلىك ھادىسە سىرتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چەكلىك مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىدۇ، بۇ چاغدا يادرو رېئاكتورى ئاكتىپ رايونى ۋە رادىياتسىيە توسۇش قەۋىتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؛ 6-ۋە 7-دەرىجىلىك ھادىسە ئېغىر ياكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ھادىسە، دەپ قارىلىدۇ.

تارىختا 1986-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېرنوبىل يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر ھادىسە، دەپ قارىلىپ، 7-دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بېكىتىلگەنىدى. ئەينى چاغدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى 4-نومۇرلۇق يادرو رېئاكتورى پارتلاپ، سەككىز توننا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىپ، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى 60 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەر بىۋاسىتە بۇلغىنىپ، 3 مىليون 200 مىڭ كىشى رادىياتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ 1979-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۈچ چاقىرىملىق ئارال يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش 5-دەرىجىلىك ھادىسە، دەپ بېكىتىلگەن. ئەينى چاغدا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزلىتىش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، كۆپ مىقداردا رادىيوئاكتىپ ماددا تارقىلىپ، 150 مىڭ ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلغان.