ياۋروپا-ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبېغىدىكى ئىرانغا نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-04-17 13:53

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن پاكىستان چىگرىلىدىغان رايوندا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 16-ئاپرىل چۈشتىن كىيىن 7.5بال يەر تەۋرىدى، بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىران چىگرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىككىنچى قىتىملىق يەر تەۋرەش، شۇنداقلا 40يىلدىن بۇيان ئىران چىگرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش. ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بىرىۋاتقان يەر تەۋرەش ئاپەتلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ياۋروپا-ئاسىيا يەر تەۋرەش بەلبىغىدىكى ئىرانغا تارتتى.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى قانچە؟

ئىران يەر تەۋرەش مەركىزى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قىتىملىق يەر تەۋرەش گرېنۋىچ ۋاقتى 16-ئاپرىل سائەت 10دىن 44مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، دەرىجىسى 7.5بار، يەر تەۋرەش مەركىزى سىستان-بەلۇچستان ئۆلكىسىنىڭ سالاۋان رايونىنىڭ شىمالىغا 81 كىلومىتىر كىلىدىغان جايدا بولۇپ، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 95 كېلومىتىر كىلىدىكەن. ئامېرىكا گېئولوگىيىلىك چارلاش ئىدارىسىنىڭ ھېساپلىشىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 7.8بال، يەر تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 82 كېلومىتىر ئىكەن.

ھازىر سىستان-بەلۇچستان ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا توك ۋە ئۇچۇر ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ كەتكەن، بۇ رايوندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلار جىددىي ھالەتتە كىرگەن. ئىران قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى ئەڭ تېز سۈرئەتتە بۇ رايوننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى شۇنداقلا زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى باھالاشقا خادىم ئەۋەتكەن.

يەر تەۋرەش مەركىزىي ئەتراپىدىن باشقا، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇنىي، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شۇنداقلا پارس قولتۇقى رايونىدىكى بەھرەيىن، قاتار، ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ دۇبەي قاتارلىق جايلاردىمۇ كۆرىنەرلىك يەر تەۋراش سىزىمى بولغان.