دۇنيانىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن 10 يىل
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-12-30 09:20

 

«ئون يىل ۋاقىت ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى». ئەمما مىڭ يىللىق قالايمىقانچىلىقلار كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن تېخى تەلتۆكۈس كۆتۈرۈلۈپ كەتمىگەندەك قىلاتتى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە 21-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئون يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى ئەڭ دەسلەپ باشلامچىلىق بىلەن «يوقىتىپ قويغان ئون يىلنى سۈرۈشتۈرۈش»نى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەڭلا ئۆتكەن ئون يىلغا نەزەر سېلىشقا باشلىدى. بۇ ئون يىلدا ئامېرىكىلىقلار «دۆلەتنىڭ نىشانىدىن ئادىشىشى، پارتىيەنىڭ بۆلۈنۈشى» ۋە «ئامېرىكا روھىنى قايتا تىكلەش» قاتارلىق زىددىيەتلەر ئارىسىدا تېڭىرقاپ يۈردى، ياپونىيەلىكلەر بولسا ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا «بۇ ئون يىلدا خۇددى ئالدىنقى ئون يىلغا ئوخشاشلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يۈرۈپ، باش كۆتۈرەلمىدۇق» دېدى؛ رۇسىيەلىكلەرنىڭ خاتىرىسىدە قالغىنى بولسا پەقەت بۆلگۈنچىلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا قىلغان تېررورچىلىق ھۇجۇملىرى بولدى. ئەمما گېرمانىيە ۋە ئىتالىيەلىكلەر بولسا ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۆتكەن ئون يىل بىز ئۈچۈن «ئالتۇن ئون يىل بولدى» دەپ قارىدى. ئون يىللىق ئۆزگىرىش-جۇڭگولۇقلارغىمۇ خېلى كۆپ تەسىراتلارنى قالدۇردى، «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىندا توردا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى» تورداشلارنىڭ قەلبىدە جۇڭگونىڭ دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق چوڭ ئىشى، دەپ ھېسابلىنىدىكەن .

مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى باشلامچىلىق بىلەن ئۆتكەن ئون يىلنى ئەسلەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى «يوقىتىپ قويغان ئون يىلنى سۈرۈشتۈرۈش» نى تېما قىلغان ئالاھىدە سانىنى نەشر قىلىپ، تۇنجى بولۇپ «ۋاقىت ئۆلچەم» قىلىنغان شەكىلدە 2000-يىلدىن 2010-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن چوڭ ئىشلارنى قايتىدىن ئەسلەپ ئۆتتى. ماقالىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا ئۈچۈن ئېيتقاندا، 1999-يىلى تىنچ ھەم خاتىرجەم بىر يىل بولغان، «جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ، پايچىكنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى» ئامېرىكىلىقلارنى خۇشال قىلغان، ئەمما يېڭى بىر مىڭىنچى يىلغا قەدەم قويغاندا بولسا، ئامېرىكىلىقلار ساددىلارچە بانكىلار ۋەيران بولمايدۇ، ئايروپىلانلارمۇ ۋەقەگە ئۇچرىمايدۇ....... دەپ ئويلىغان. ئەمما 2000-يىلى سايلامنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى، «11-سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسى»نىڭ يۈز بېرىشى، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ئېغىر تەسىرى، ئىككىلەمچى قەرز-پۇل كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشى ۋە نېگىر پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئامېرىكىنى يېتەكلەپ ماڭالايدىغان-ماڭالمايدىغانلىقى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ئارقا-ئارقىدىن گۇمانلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكا يازغۇچىسى ھېرمان كرۇز ئەسىرىدە «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ تارىختا بىر ئۆچمەس تامغا بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى-پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر تېلېۋىزور ئارقىلىق ۋەقەنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى كۆرگەنلىكىدە، دەپ قارىدى. «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇشلار ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلدى، ئامېرىكانىڭ «ئەركىنلىك» ئىدىيەسىنى نابۇت قىلدى. دۇنيانى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋەتكەن يەنە بىر ئىش بولسا ئوبامانىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلىنىشى بولدى. ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر نېگىرنىڭ پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى ھەم دۇنيانى قانچىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى بىزگە نامەلۇم، ئەمما، بۇ ئىشتىن ئىنسانىيەتنىڭ نەقەدەر ئالغا باسقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.